12-ئاينىڭ 17-كۈنى
يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزى ئورگان تەرەپ تەشۋىقاتىدا
2025-يىلى 3-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكى
ئېلان قىلىندى
شىنجاڭنىڭ 17 ئەتىۋارلىق مەھسۇلاتى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى
تېز كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، بىلىدىغانلىرىڭىز بارمىكەن


شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن
17 «دۆلەت دەرىجىلىك» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى
داۋانچىڭ قارلىق جۇخارگۈلى، پىچان قوغۇنى، پىچان ئۈزۈمى، ئارشاڭ قېرىنسىمان موگۇسى، ئارشاڭ گازىرى، ئارشاڭ ھۆل ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆممىقونىقى، تاشقورغان جىغانى، تاشقورغان قوتىزى، ئاقچى سامسىقى، ئاقچى قىرغىز قوي گۆشى، كەلپىن شوخلىسى، ماناس ئەنجۇدان ئوتى، چاقىلىق سېرىق چامغۇرى، ئۇچتۇرپان ئۈزۈمى، چىرا ئانارى، چىرا توقاچ شاپتۇلى، چىرا شىڭلىسى.
«مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» دېگەن نېمە
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا
ئالاھىدە رايوندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان
رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، ئوزۇقلۇق سۈپىتى ئۆزگىچە
بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بار، تەمىنلەش مىقدارى مۇقىم
بازاردىكى تونۇلۇش دەرىجىسى، ئىناۋىتى يۇقىرى
ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق بېكىتىلگەن «يادرولۇق ياخشى مەھسۇلات»
شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى
مەنبەسى: شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يىپەك يولى ئۈن-سىنى
«يىپەك يولى ئۈن-سىن» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






