تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى كۈندىلىك ئىمتىھان ۋە سىناق ئېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ پېڭ): مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئىمتىھانىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، كۈندىلىك ئىمتىھان ۋە سىناق ئېلىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، كۈندىلىك ئىمتىھاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىمتىھان بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئىمتىھان دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئىمتىھانى يەرلىك بىلەن مەكتەپ كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسقۇچلۇق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇتۇشنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يىللىقتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئالغان ئىمتىھاننى كۆرسىتىدۇ، بۇ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىمتىھان ئېلىش قېتىم سانىنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن يېزىقچە ئىمتىھان ئالماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى باشقا يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپ ھەر مەۋسۇمدە بىر قېتىم مەۋسۇملۈك ئىمتىھانغا تەشكىللەش كېرەك، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىدا ئوخشاش بولمىغان پەنلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق ھالدا بىر قېتىم چارەكلىك ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتىھان ئېلىش قېتىم سانىنى قاتتىق كونتىرول قىلىشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرى ۋە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزمەيدىغان يىللىقلىرىغا رايون خاراكتېرلىك ياكى مەكتەپ ھالقىغان ئىمتىھان ئېلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ.

  سوئال چىقىرىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىش جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ سوئال چىقىرىشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش، يادرولۇق ساپا يېتىلدۈرۈش ۋە ئىرادە تىكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان سوئالى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن غەلىتە سوئاللارنى چىقىرىشنى چەكلەش، ئىمتىھان سوئالىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسى، سوئال شەكلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئوچۇق ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.