تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

​− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى.

بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىدا؛ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ تۈرلۈك زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىزدىكى سەۋەب نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»، يىغىندا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى.

ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىز، تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. قانداق قىلغاندا «ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ھالقا. باش شۇجى شى جىنپىڭ «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «<يېڭى ئۈچ خىل> كەسىپكىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، داغدۇغا پەيدا قىلىشقا، داغدۇغا بىلەن ئىش باشلاش، ئاخىرىدا نەتىجىسىز تارقىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىچكى مەنبەلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش» «ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇم پېتى ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلسە قۇم پېتى ساقلاش، قاقاس پېتى ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلسە قاقاس پېتى ساقلاش»نى تەكىتلىدى، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىدا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىلمىي يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ساننى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش.» ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قەتئىي بولۇشى كېرەك. شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى جەزمەن شەرتسىز ئىجرا قىلىش كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا، تار مەھكىمىچىلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمدىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشقىچە، ئومۇمىي تەلەپ، سىياسەت يۆنىلىشىدىن «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تولۇق دەلىللەش، قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت پىكىر يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت - تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەم - تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا تۈزەپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تۈزگەن كونكرېت تەدبىرلەر جانلىق بولۇشى كېرەك. باش شۇجى يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى جايلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.» بۇ قېتىمقى يىغىندا «بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى مول، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى توپلاشقان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۈلگە بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر. دۆلەت ۋە يەرلىك يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە، باش شۇجى «گىرەلىشىپ تەكرارلانغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل يىرىك پىلان تۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى، «بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشقا ئىنتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن بىللە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەركىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەندىزە ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش مۇھىم ئالدىنقى شەرت. بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر بايان قىلىپ: «خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش»نى تەكىتلىدى. پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىشتا، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، «سىياسىي نەتىجە قوغلىشىپ ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى ئۈنۈم ۋە مەنپەئەتكىلا بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىقنى ۋە ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشىنى توسۇپ»، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.