12-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ سىجىخۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يېنىدا جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، لوپ ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان چىلانلار ئىنچىكە پىششىقلىنىش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك تاۋارغا ئايلىنىپ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.
شىنجاڭ سىجىخۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى چىلان ئۆستۈرۈش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كارخانا بولۇپ، بۇ يىل 8-ئايدا لوپ ناھىيەسىگە ماكانلاشقان، بۇ شىركەت 15 مىڭ توننا چىلان پىششىقلاشنى پىلانلاپ، ئەلا سۈپەتلىك چىلانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى.




(ئاپتورلار: مەمەتئېلى ئەنۋەر، مەتسەيدى مەمتىمىن خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






