− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئىقتىساد خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتقاندىلا، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچقىلى، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق ئومۇملۇققا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»تا، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىش، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار چۆرىدىلىپ قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەم كونا مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەم يېڭى خىرىسقا كۈچەپ تاقابىل تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشى نامايان قىلىندى. بۇ يەردە «ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» ۋە «<قوش كاربون>نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» مىسال كەلتۈرۈلۈپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
بازار بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كەم ئۇچرايدىغان بايلىق، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى. يىغىندا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى «بەش جەزمەن»گە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى خۇلاسىلەندى، باش ئورۇنغا قويۇلغىنى دەل «جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقىش»تىن ئىبارەت. يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئېھتىياج ئاجىز بولۇشنىڭ زىددىيىتى گەۋدىلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى، بۇ، مەسىلىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇغانلىق ۋە دەل جايىدا ئىگىلىگەنلىك. يىغىندا «ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىش» كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلدى، بۇ دەل ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تاشقى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا مەھكەم ئىگىلىنىپ، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستېمال قوزغىتىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما زورايتىلىپ، دۆلىتىمىز ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، سۈپىتى سىجىل ئۆستى، خەلقئارا تەسىر كۈچى سىجىل كۈچەيدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 45 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.0 ئاشتى، مۇلازىمەت پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تاۋار پارچە سېتىلىش سوممىسىدىن تېز بولدى، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمال كۈنسېرى ئىستېمالنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئىستېمالغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تىرەكلىك رولى كۈنسېرى نامايان بولدى.
بازار بايلىقى دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، غايەت زور سېلىنما ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئالاقىدار تاۋارلارنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، 360 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل 11 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى، كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 128 مىليون 440 مىڭدىن ئاشتى، بۇ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسى، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، سېلىنمىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتقاندا چوقۇم ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا مەنبەدىن كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.
يېشىل تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى. يىغىندا «<قوش كاربون>نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «قوش كاربون» نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىش تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقى مىقدارى بويىچە 2030 - يىلى دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى؛ كەسىپلەرنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، جەمئىي دۆلەت يېشىل زاۋۇتىدىن 6430ى، يېشىل سانائەت باغچە رايونىدىن 491ى يېتىشتۈرۈلۈپ، دۆلەت يېشىل زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن ئاشتى؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كاربون بازىرى قۇرۇپ چىقىلدى، جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى 800 مىليون توننىدىن ئاشتى، پۈتۈشۈش سوممىسى 54 مىليارد يۈەندىن ئاشتى... يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا مەردانە قەدەم تاشلاندى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى، خەلقئارادىكى زاتلار: «جۇڭگونىڭ يېشىل يېڭىلىق يارىتىشى ھەم ئۆز دۆلىتىگە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى» دەپ باھا بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<قوش كاربون> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» كېلەر يىلى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك ئۆتىدىغان تۇنجى يىل، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش، مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈشتە، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى جانلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)






