مەنبە: دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
12-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى چىڭچۈەن كەنتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىسىدا، يۇمران زەمبۇرۇغلار تۇپراقنى يېرىپ چىققان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.
بۇ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 51 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، نۇقتىلىق بەرپا قىلىنغان، شۇاڭباۋگۇ، بەييۈگۇ، خەيشيەنگۇ قاتارلىق ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغلىرىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدۇر. نۆۋەتتە، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىسىدا كۈنىگە 10 توننىدىن ئارتۇق بەييۈگۇ ئىشلەپچىقىرىلىپ، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا. (دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خې چېڭچياڭ)

يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىسىدا، ئىشچىلار يۇمران موگۇلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىشچىلار يېڭىلا ئۈزگەن موگۇلارنى ئالدىراش توشۇماقتا.






