
12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىخو شەھىرى باشىسىخۇ يېزىسى لەڭگەر مەھەللە كەنتىدىكى شوخلىچاق پارنىكىدا يېڭى مېۋىلەرنى ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا شەھەر-يېزا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنى ئېتىز-باغلاردا سەيلە قىلىش، ئۈزۈشنى ھېس قىلىش قاتارلىق كەسىپ ھالىتىگە ئايلاندۇرۇپ، رايون ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى تەڭ ھازىرلىغان يېزا-كەنت تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. لى رېنشى فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






