تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەكتەپتە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

  12-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «ئىرادە بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا كۈچ قوشۇش شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە مەن بار» چوڭ تىپتىكى مەكتەپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى شىنجاڭ داشۆنىڭ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا 130دىن ئارتۇق كارخانا قاتنىشىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، ھۈنەر-سەنئەت ئىنژېنېرلىرى، خەلقئارا سېتىش، سودىگەر چاقىرىش دىرېكتورى قاتارلىق 316 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.