تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تىزىملىك ئېلان قىلىندى! شىنجاڭدىن بۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تاللاندى

يېقىندا

مائارىپ مىنىستىرلىقى 20252024-يىللىق

«ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى بويىچە ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپات (ئوقۇتۇش) پۇلى»تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گې يىتىڭ 

ھەم شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچى تاللاندى

 20252024-يىللىق «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى بويىچە ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپات (ئوقۇتۇش) پۇلى»غا ئېرىشكەن

شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى

   گې يىتىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان يەتتە يىلدىن بۇيان، تور ۋە تور سىرتى ئارىلاش شەكىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسلىكى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتتى. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان «داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش» دەرسلىكى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرسلىك بولۇپ باھالىنىپ، مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسىپ پىلانلاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گې يىتىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىدىكى، تۈرلۈك تۈرلەرگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇختا نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

   شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئەسمەرجان ئەركىن «يۇرتداشلارنى يەنە ئاغرىق ئازابى تارتقۇزمايمەن» دېگەن قەسىمى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ دوختۇرلۇق قىلدى. يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان يېزىسىدىكى دوختۇرخانا، كەنت قاتارلىق جايلاردا چېپىپ يۈرۈپ، قارلىق تاغلارنى كېزىپ، مۇز دەريالاردىن ھالقىپ، كىگىز ئۆيلەرگە كىرىپ، جەمئىي 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 كۈندىن ئارتۇق سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 3000دىن ئارتۇق ئامما ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتىنىڭ %95تىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزدى.

   ئىلى سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مۇختەبەر قۇتتۇللا يېزا بالىلار مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغدىدى. ئۇ يېزا-بازاردىكى بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس دەرسلىكلەرنى لايىھەلەپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ تېرىقچىلىق ئەمەلىيىتى دەرسى تەسىس قىلىپ، بالىلارنى چىڭسەي تېرىشقا پۈتۈن جەريانلىق قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىلىم ئىگىلەش، ئاشلىقنى قەدىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا يەسلى دەرسخانىسىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى. ئاساسىي قاتلامدا ئالتە يىل يىلتىز تارتقان مۇختەبەر ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. «بالىلارنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرسەملا، بۇ يەردە قېلىشىم ئەرزىيدۇ!» دېدى ئۇ.

   ئاساسىي قاتلام ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىدىكى چوڭ سەھنە، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىدىغان مۇھىم يول. 2022-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى بويىچە ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپات (ئوقۇتۇش) پۇلى»تۈرىنى تەسىس قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ ھەم مۇنەۋۋەر تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 44 نەپەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بۇ مۇكاپات تۈرىگە تاللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.