ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ كۆپ تۈردىكى مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 102 مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 ئالتۇن مېدال بار.
12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەمالار پۇتبول تۈرى ئەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بىلال ياسىن (سولدا) نومۇر ئالغاندىن كېيىن ۋاراتا ھەمدۇللا ئالىمجان بىلەن قۇچاقلىشىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەتنى مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشقۇرغۇچى تەرەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى تەمىنلىگەن.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 133 ماھىر قاتناشتى. 12-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گاس-گاچىلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدە يېنىك ئاتلېتىكا، تۇلۇم قولۋاق، تىكتاك توپ، سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ھەم مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەممە تۈرلىرى بىردەك ئاخىرلاشتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا تۇرغۇنجان، زىكرۇللا، مۇرابىل ماخمۇت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەر 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە T38 دەرىجىلىكلەر، ئەرلەر 1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە T20 دەرىجىلىكلەر، ئەرلەر دىسكا ئېتىش تۈرى بويىچە F57 دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
«بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشتۇق، لېكىن ئازراق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى 1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، كۈچەش ئاستا بولۇپ قېلىپ، بىر ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويدۇق» دېدى ئابدۇللا: بۇ يىل مېنىڭ مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 3-قېتىم قاتنىشىشىم، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇكى رىقابەتچىلەر يىلدىن-يىلغا كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا مەن داۋاملىق تىرىشمىسام بولمايدۇ.
مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا مېداللار كۆزنى چاقناتتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 27 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. گۇاڭدۇڭ جۇڭشەنگە جايلاشقان يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى مۇسابىقە مەيدانىدا، مۇخبىر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، ماھىرلارنىڭ مۇكاپات سەھنىسىگە پاتماي قالغانلىقىنى، سەھنىدە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلاردىن باشقا يەنە ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ماھىرلارنىڭمۇ بارلىقى، ئۇلارنىڭمۇ سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات لېنتىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش چارىسىگە ئاساسەن، ھەر بىر گۇرۇپپا مۇسابىقىدە، ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال تارقىتىپ بېرىلدى، مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەر بىر گۇرۇپپا مۇسابىقىدە تۆتتىن سەككىزگىچە بولغان ماھىرغا مۇكاپات لېنتىسى تارقىتىپ بېرىلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرغا مۇكاپات گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
«بۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدىسى بولۇپ، مۇسابىقە نەتىجىسى مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر ئىنتىلىش ئەمەس، ماھىرلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئارقىلىق تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى يېنىك ئاتلېتىكا (مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى) مۇسابىقە كومىتېتى مۇسابىقە باش باشقۇرغۇچىسىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جېندۇڭ.
«بۇ بەلگىلىمە بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، تەنتەربىيە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ». شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جياڭ فۇخې مۇنداق تونۇشتۇردى: كوماندا ئەزاسى ئارافاتجان ئەكبەر ئۇزاق يىل يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەلب ئىشىكىنى تەدرىجى ئېچىپ، دەسلەپ مۇكاپات لېنتىسىغا ئېرىشىپ ئىشەنچ تۇرغۇزدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىر قېتىمدا نەچچە مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدىكى مۇسابىقىدە بىراقلا بەش مېدالغا ئېرىشتى.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەرلەر 30 ياشتىن يۇقىرىلار گۇرۇپپىسى 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى بولغان ماھىرى ئارافاتجان ئەكبەر مۇكاپات مېدالىغا قارىماقتا. سۈرەتنى مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى تەمىنلىگەن.
يۈگۈرۈشكە ئىشتىياق باغلىغان يىگىت ـــ ئارافاتجان شىنجاڭ مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئاساسلىقى گېزىت-ژۇرنال، ماتېرىيال يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. «مەن يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، يۈگۈرسەم بەك خۇشال بولىمەن» دېدى ئارافاتجان.
ليۇ جېندۇڭ مۇنداق قارىدى: ماھارەت ۋە رىقابەتكە سېلىشتۇرغاندا، ماھىرلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە دادىل سىناپ بېقىشى ئاچقۇچ. مۇسابىقە لېنتىسى ئەمەلىي ئىلھام بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ھەر بىر ماھىر بىر باش پېرسوناژ، ھەر بىر قىزغىن سۆيۈش بىلەن تىرىشچانلىقنىڭ ھەممىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، مەيلى مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىققان ماھىر بولسۇن ياكى ئارقىدا قالغان ماھىر بولسۇن، ھەممىسى تەرىپلەشكە ۋە ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ»، ئۇ:« ھەممە كىشى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەرزىيدۇ!» دېدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






