تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

سۈرەتلىك خەۋەر

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى قۇمات كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ئەگمە پارنىك ئىچىدە يېڭىلا باغلاپ بولغان سۇڭپىيازنى كۆرسەتمەكتە. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ كەنت ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلىدى، خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى ئېچىش ئىشلىرى بۆلۈمى قۇدۇق بۇرغىلاش تاماملانغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى مەشغۇلات خادىملىرى مەنشېن H5-502 - قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلاش سۇپىسىغا چىقىپ، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. قىش كىرگەندىن بۇيان، بۇ ئېچىش ئىشلىرى بۆلۈمى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە چارلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەركۈنى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، بۇرغىلاپ قۇدۇق قېزىش مەشغۇلاتىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەن خۇي فوتوسى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.