دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «2026-يىللىق مەركەز مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىپ جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىلىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 146 تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى مەركەزنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى سۇ ئۈزۈش سارىيى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىن جەمئىي 117 تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى تاللانغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيى، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، قاراماي شەھەرلىك سۇ ئۈزۈش سارىيى، كۈيتۈن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانى، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيى، خوتەن شەھەرلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن 29 تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى تاللانغان، بۇلار شىخەنزە شەھىرى خۇڭسەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، شىخەنزە شەھەرلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تەنھەرىكەت مەيدانى (ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى)، خۇڭشىڭ 1-مەيدانى خۇڭشىڭ جۇڭئاۋ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىش ياردەم پۇلى مەبلىغى بۇ يىل مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ياردەم مەبلىغىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە مەبلەغ تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەيدان-سارايلارنى ئېچىۋېتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. ئېچىۋېتىشنى ئىجرا قىلىشقا كۈچىمىگەن رايونلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ كېيىنكى يىللىق ياردەم مەبلىغىنى دەرىجىگە ئايرىپ تۇتۇپ قالىدۇ-كېمەيتىدۇ ھەم ئېچىۋېتىلمەسلىك مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەكشۈرىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلسىڭىز، تولۇق تىزىملىكنى كۆرەلەيسىز
كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار
ئۆيدىن چىقىپ
ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ، دوستلىرىڭىز بىلەن كېلىشىپ
ھەرىكەت جەريانىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇڭ
بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلاملىققا ئېرىشەيلى






