− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىگە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.» بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
جۇڭگو ئىقتىسادى ئەزەلدىن بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ تاۋلىنىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايغان. بىر يىلدىن بۇيانقى ھەم «14 - بەش يىل»دىن بۇيانقى تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق، ھەممىمىزدە مۇشۇنداق ئورتاق تەسىرات بار، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.
ئىشەنچ بۇ ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىلدىن كەلدى، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 140 تىرىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىدۇ، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا ئاپپاراتلار يېقىندا 2025 - يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمە نىشانىنى يۇقىرى كۆتۈردى. تاشقى سودىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىش، ئېكسپورتنىڭ كۆپ خىللىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىشتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى پات ئارىدا پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي باشلايدۇ... بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنى، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىشەنچ ئۆتكەن بەش يىلدىن كەلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت، تۈزۈم، دىپلوماتىيە قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز راۋاجلاندى، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، تاشقى زەربە كۆرۈنەرلىك زورايغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %30 ئەتراپىدا بولدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى ئىشەنچى، ئىرادىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مۇھىم تۈگۈنلەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى تىزگىنلەشتىكى يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتى ۋە پىشقان ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
كېلەر يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش. بۇ يەردە مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى ۋە پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى مىسال قىلىپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىمىز.
تەمىنلەش جەھەتتىن قارىغاندا، كەسىپ كۆلىمى، كەسىپ سىستېمىسى چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئىمكانىيەتلىك ئايلىنىش ۋە ئىچكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تىرىكى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى، بۇ، دۇنيا بويىچە يېڭى تېخنىكىنى «كېڭەيتىش مەيدانى» «ئەمەلىي قوللىنىش مەيدانى» بولۇپ قالدى.
ئۆتكەن بەش يىلدا، دۆلىتىمىز كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سىستېمىلىقلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى، 2024 - يىلى ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلىشىپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا 15 يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، 35 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي دەرىجىلىك، 230دىن ئارتۇق قالتىس دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت ۋە 5G زاۋۇتتىن1260ى قۇرۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
دۆلىتىمىزنىڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلغاندىلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشقىلى بولىدۇ.
ئېھتىياجدىن قارىغاندا، چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا ئىچكى ئېھتىياج يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بازار بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ كەم ئۇچرايدىغان بايلىق، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى.
ئۆتكەن بەش يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور بازار كۆلىمى تېخىمۇ زورايدى، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرىلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2020 - يىلىدىكى 39 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلى 48 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.5 ئاشتى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %60 ئەتراپىغا يېتىپ، ئاساسىي موتورلۇق رولى سىجىل گەۋدىلەندى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ۋە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، بۇنىڭغا غايەت زور سېلىنما ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تېز سۈرئەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرىغا ئايلانماقتا.
دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر قولدا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياجنىڭ ئۇيغۇنلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىر قولدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرگەندىلا، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)






