□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
«14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل» پات ئارىدا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، بىزنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
2025 - يىلى ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تاشقى بېسىم زورىيىۋاتقان ۋە ئىچكى قىيىنچىلىق بىرقەدەر كۆپ بولغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز تۈرلۈك زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت، تۈزۈم، دىپلوماتىيە قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىگە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ چىقارغان مۇھىم ھۆكۈمى بولۇپ، بىزنىڭ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتتى. جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقىش، جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش»، ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەزمەن نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، يىغىندا يىغىنچاقلىنىپ تاۋلانغان بۇ «بەش جەزمەن» دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن «14 - بەش يىل»دىن «16 - بەش يىل»غىچە بولغان ئۈچ بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە پۇختا ئاساس سېلىندى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاساسنى پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق، كېلەر يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.
يىغىندا 2026 - يىلىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئورنى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش تەكىتلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن سىگنال تارقىتىلدى؛ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاچقۇچ چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاساس تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەم توغرا ئىدىيە، ياخشى ئىستىل، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش، ھەم كۈچلۈك پارتىيەۋىلىككە ئىگە قىلىش كېرەك، پېشانىسىگە ئۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەش، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈش، ساغرىسىغا ئۇرۇپ كېتىپ قېلىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئۇرۇش» ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى سىياسىي مۇھىت، ئىختىساسلىقلار مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)






