ئۇزۇن يىل دەرس ئارىلىقىدا گىمناستىكا ئوينىغان بولسىڭىزمۇ
بەلكىم تۆۋەندىكى يېڭىلىقنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن

مەنبە: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى دوۋيىن نومۇرى
يېقىندا
شىنجاڭنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى ئاقئۆستەڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
دەرس ئارىلىقىدا خاسلىققا ئىگە گىمناستىكا ئويناپ
توردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى
سىندا
ئوقۇغۇچىلار بېشىغا چىنە قويۇپ، قولىدا تەخسە تۇتۇپ
نەق مەيداندىكى مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا جور بولۇپ
قولىدىكى تەخسىنى چەككەچ ئۇسسۇلغا چۈشتى
ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى يېنىك ھەم گۈزەل بولۇپ
بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرسىمۇ
بېشىدىكى چىنە مۇقىم تۇراتتى

مەنبە : كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى دوۋيىن نومۇرى
بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ خۇامېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە
قىش پەسلىدە سىرتتا پائالىيەت قىلىش ئىمكانىيىتى ئاز بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ
چىنە ئۇسسۇلىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا
ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئارىلىقىدا ئۇسسۇل ئويناشقا يېتەكلەپ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىرگە
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتكەن
ئىگىلىنىشىچە، ئاقئۆستەڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە پۇتبول، ۋاسكېتبول، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئۇسسۇل، خەتتاتلىق قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدىغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قىزىقىش كۇرۇژۇكى بار ئىكەن. ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئوقۇغۇچىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن قويۇۋېتىپ، ساغلام ۋە خۇشال ئۆسۈپ چوڭ بولىدىكەن.

ئاقئۆستەڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئارىلىقىدا چىنە ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
مەنبە:كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
تورداشلار كۆرگەندىن كېيىن
«قابىليەتلىك ئىكەن» «بەك مەنىلىك بوپتۇ!» دېيىشتى
يەنە بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ
«ھازىر مەكتەپ ئالمىشىپ بارساق ئۈلگۈرەمدۇق؟» دېيىشتى




ئەينى يىللاردا
دەرس ئارىلىقىدا قايسى خىل گىمناستىكىنى ئوينىغىنىڭىز يادىڭىزدا بارمۇ؟
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






