يېقىندا
شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان، غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتناشقان بىر پىدائىينىڭ
زىيارەت سىنىنى كۆرگەن نۇرغۇن تورداش
تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتىۋالالماي قالدى
كۆپچىلىك بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ ئالقىش ياڭراتتى
بۇلارغا چېگرانى قوغدىغۇچى ئانىغا بولغان كۆيۈنۈش مۇجەسسەملەنگەنىدى
شۇنىڭ بىلەن بىللە
تورداشلار يەنە چېگرانى قوغداۋاتقانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى
تەسىرلىنىشتىن باشقا
يەنە بەزىلەر
«ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىچىك تاشپاقا ئېلىپ بارسا
مۇئەللىمنىڭ شۇنچىۋالا خاپا بولۇشى كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى
ھەم «ھېكايىنىڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى كۆرۈش»نى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى

سىندىكى لى لېي 23 ياش بولۇپ
ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى
مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى
12-ئاينىڭ 7-كۈنى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مەخسۇس لى لېي بىلەن ئالاقىلىشىپ
ھېكايىنىڭ باش-ئايىغىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى
2023-يىلى، لى لېي (ئوڭدىن بىرىنچى) بالىلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
2023-يىلى، ئەمدىلا جىنجۇڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن لى لېي تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، 22 سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا كېلىپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىدىكى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىشلىدى. مەكتەپتىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچى چېگرا قوغدىغۇچى ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، سىندىكى ئايداربېك مەمەتئەيسا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. ئەينى چاغدا، ئايداربېك ئەمدىلا 4-يىللىققا چىققان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تاپشۇرۇقىنى ئىشلىمەي كەينىگە سۆرەيتتى، لى لېي ئائىلە زىيارىتىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ دۇدۇقلاپ: «دادام-ئاپام چېگرانى قوغدىغىلى كەتتى، بوۋام-مومام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، مەن ئەتىگەن-كەچتە چايغا نان چىلاپ يەۋاتىمەن» دېدى. ئاددىي بىر جۈملە سۆز لى لېينىڭ ئىچىنى ئاغرىتتى. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى دەم ئېلىش نۆۋىتى كېلىپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئۇ دەرھال ئائىلە زىيارىتىگە باردى.

ئۇ ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن، قارىماققا 50~40 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تىنچلىق-ئامانلىق سوراشتى. ئايداربېك: « مۇئەللىم، گېپىڭىزنى قىلىڭ، ئاپام تەييار بولدى» دېدى. لى لېي تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ بىلىشىچە، بالىنىڭ ئاپىسى 30 نەچچە ياشلاردا بار ئىدى، لېكىن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالنىڭ تېرىلىرى ئاپتاپتا كۆيگەن، ئالقانلىرىنى لىققىدە قاداق باسقان بولۇپ، لى لېينىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئەسلىدە ئايداربېكنىڭ ئاتا-ئانىسى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، ھەر قېتىم چېگرانى قوغداش ئۈچۈن چارلاشقا چىقىپ كەتسە، ئون-ئون بەش كۈنگىچە ئۆيگە قايتالمايدىغان بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى.
لى لېينىڭ دېيىشكە تەييارلىغان «ئەرزى» بوغۇزىدىلا تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئاخىرى پەقەت: «بالىڭىز بەك گەپ ئاڭلايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ» دېگەن سۆزنىلا ئېيتالىدى. شۇ چاغدىلا، ئۇ چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىش بولماستىن، چېگرا لىنىيەسىدە ھەر كۈنى چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتى. «ئۇلار ياشلىق باھارى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قوغداۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا ۋاكالىتەن كىچىك ئائىلىنى ياخشى قوغداش، ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش، ئۆيىدىكى بالىلىرىدىن بولسىمۇ غەم قىلغۇزماسلىق مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى ئۇ.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدىن كېيىن لى لېي ئايداربېككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. لېكىن يېقىندا، 6-يىللىققا چىققان ئايداربېك لى لېي سىرتقا چىقىپ كەتكەندە يەنە كەپسىزلىك قىلىپ، كىچىك تاشپاقىنى مەكتەپكە ئېلىپ باردى. لى لېينىڭ ھەم ئاچچىقى كەلدى ھەم ئىچ ئاغرىتتى، ئۇ ئايداربېككە ئاتا-ئانىسىنىڭ بەدەللىرىنى چۈشەنمىدى دەپ ئاچچىقلىسا، چېگرانى قوغدىغۇچىلارنىڭ چارلاشقا چىققان ۋاقىتتىكى جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئويلاپ ئىچ ئاغرىتقانىدى. ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئايداربېكنى تەنقىدلىمىدى، بەلكى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئائىلە زىيارىتىدە «ياخشى تەرىپىنى ئېيتىپ، ناچار تەرىپىنى ئېيتمىغانلىق» سەۋەبىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. «ئايداربېك بۇنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەندى» دېدى لى لېي خۇشال بولۇپ: شۇنىڭدىن كېيىن ئايداربېك دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىغان، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەپ، بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى.

لى لېي ئايداربېك (2-رەت سولدىن بىرىنچى) ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئويۇن ئوينىماقتا. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
مۇخبىر 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئايداربېكنىڭ ئاپىسى قۇندۇز تۇرسۇنغالى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، دەل ئۇنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك چېگرا چارلاش خىزمىتىنى باشلىشىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، قۇندۇز: «مەن بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، ئەزەلدىن جاپا ھېس قىلىپ باقمىغانمەن» دېدى.

ئايداربېك (سولدىن ئىككىنچى) ئاپىسى (سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن بىللە. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن
شىنجاڭدا
ئايداربېكنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش چېگرا قوغدىغۇچىلار ئاز ئەمەس
ئۇلارنىڭ كەينىدە يەنە
لى لېيغا ئوخشاش مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تىرىشىپ كۈچنى كۈچكە ئۇلىماقتا
چېگرا قوغدىغۇچىلار قارلىق تاغدىكى شامال ئېغىزىدا چېگرا تېشىدەك مەزمۇت تۇرۇۋاتقان
مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلىنى يورۇتۇۋاتقان پەيتلەردە
بۇ تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىغان قوغداش
كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان دۆلەت مۇھەببىتىنى پۈتۈپ چىقماقتا
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






