تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

زىكرۇللا ئالتۇن مېدال ئالدى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

ۋە 9-نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

(قىسقارتىلىپ «مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دېيىلىدۇ)

يېنىك ئاتلېتىكا ئەرلەرنىڭ 1500 مېتىر T20 دەرىجىلىكلەر تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى

زىكرۇللانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بويىچە

بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

«بۇ ئالتۇن مېدال،

ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت جاپالىق مەشىق قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى»

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش تىرېنېرى

ئابدۇرېھىم نۇرمەمەت مۇنداق بىلدۈردى:

بۇ زىكرۇللا قاتناشقان 2-نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن سېلىشتۇرغاندا

ئۇنىڭ چىدامچانلىقى، رىتىمنى كونترول قىلىش ماھارىتى 

كۆرۈنەرلىك ئۆستى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن بىر دانە قىممەتلىك ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئابدۇرېھىم نۇرمەمەت (سولدا) زىكرۇللا بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى.

زىكرۇللا مۇنداق بىلدۈردى:

كەيپىياتىمنى تەڭشەپ

كېيىنكى مۇسابىقىلەر ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن

سۈن كېشىن ئاياللارنىڭ 400 مېتىر T35 دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

يېنىك ئاتلېتىكا شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل تۈرى

بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 24 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى

يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

سۈن كېشىن

ئاياللارنىڭ 400 مېتىر T35 دەرىجىلىكلەر تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى

مىرئابىل مەخمۇت

ئەرلەرنىڭ نەيزە ئېتىش F57 دەرىجىلىكلەر تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.