12-ئاينىڭ 9-كۈنى
2025 -يىللىق «قەشقەر لوڭقىسى» پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتى مەركىزىدە باشلاندى
كەسكىن مۇسابىقىلىشىش نەتىجىسىدە
غۇلجا ناھىيەسى سىنچاي پۇتبول كوماندىسى
0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى پۇتبول كوماندىسىنى ئۇتۇپ
چېمپىيون بولدى
ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئاتۇش ئىزچىلار پۇتبول كۇلۇبى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن تەييۆ يوۋخې پۇتبول كوماندىسىنى ئۇتۇپ، ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان پۇتبول كاتتا زىياپىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2025 -يىللىق «قەشقەر لوڭقىسى» پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى تەكلىپ مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 16 سەرخىل كوماندا يوپۇغا ناھىيەسىدە يىغىلىپ، 32 مەيدان نادىر مۇسابىقە ئېلىپ بېرىپ، مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ ئۈچۈن ئاتلاندى.






