ئاپئاق قار گۈلى لەرزان ئۇچۇپ تىيانشاننى قاپلىدى، بالىلار قار مەنزىرىسى ئىچىدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى، ئالتايدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قار تەتىلىنى كۈتۈۋالدى. ئالدى-كەينىدىكى ھەپتە ئاخىرى قوشۇلغان جەمئىي توققۇز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بالىلار ئاپئاق لىباس كىيگەن قار-مۇز دۇنياسىدا خۇشاللىقتىن قانغۇچە سەكرەپ ئوينىدى. ئىجادىيلىققا ئىگە بۇ سىياسەت قار-مۇز ئىقتىسادىنى ئىللىقلىق ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، قىشتىكى شادلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، سەھەردىكى سۇس تۇمان تېخى تارقالماي تۇرۇپ، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بىر تۈركۈم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالدى. «جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جاي 73 مىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تۆت چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى يېرىم باھادا ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق پاراۋانلىقلارنى يولغا قويۇپ، بالىلارنى قانغۇدەك ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى ئالتە چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا ماس قەدەمدە بېلەت كەچۈرۈم قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەت بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى بىلەن قار تەتىلى ھەمتۈرتكە بولۇپ، خۇشاللىق سىجىل ئەۋج ئالدۇرۇلدى.
قار-مۇز مەيدانى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى، كۈمۈش لىباس كىيگەن قارلىق دالا ئۇلارنى چەكسىز بوشلۇققا ئىگە قىلدى. ئالتاينىڭ «قار-مۇز شەھىرى پاراۋانلىقى»دىن ئۈرۈمچىنىڭ «قار-مۇز تەكلىپنامىسى»گىچە، قار-مۇزدىن ئىبارەت قىشنىڭ بۇ ئىلتىپاتى شىنجاڭدىكى بالىلارغا ئۆزگىچە يېڭى يىللىق سوۋغا بولدى.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا. قار تەتىلى مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتى ھەقسىز قار تېيىلىش، مەدەنىيەت بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل پاراۋانلىقنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بەدەن چېنىقتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قار-مۇز جەلپكارلىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى غەربىي شىمال يولى شۇكا بوشلۇق كىتابخانىسىدا كىتاب ئوقۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى گۈزەل پەيتلەردىن بەھرىمەن بولماقتا.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا رەتلىك كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار قار تېيىلىش يولىغا كىرىپ، قار تەتىلىدىكى قار-مۇز ساياھىتىنى باشلىدى.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە زالىدا، بالىلار خېمىر ھەيكەل ياساشنى ئۆگىنىپ، بارماق ئۇچىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى ياڭماۋخۇ مەھەللىسى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ «تېرە قونچاق سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قار تەتىلىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى فېييۈ پەي توپ سارىيىدا ئوقۇغۇچىلار تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەي توپ ئويناشنى ئۆگىنىپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىكۇن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن جېنسۇڭ، لى ۋېنۋۇ، ئارداق بېيىسقان فوتوسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






