تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇنجى قار تەتىلى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن

دەرسخانا بىلەن قار تېيىلىش يولى ئۇچرىشىپ، خۇشاللىق بىلەن قار - مۇز يۇغۇرۇلدى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى تۇنجى قار تەتىلىنى ماس قەدەمدە يولغا قويدى. ئوقۇغۇچىلار سىنىپتىن چىقىپ، ياكى قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ، ياكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بازىلىرىغا بېرىپ، قار - مۇز دۇنياسى ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىدا ھەربىر ئەمەلىيەت دەرسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قىشتا شۇ سەۋەبلىك ئۆزگىچە ئەسلىمىلەر قالدى.

مائارىپ + مەدەنىيەت - ساياھەتتىن ئىبارەت بۇ يېپيېڭى دەم ئېلىش ئەندىزىسى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ قانداق ئىلھاملار بولدى؟ قار تەتىلى مەزگىلىدە، مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

دەرسخانىدىن چىقىپ، قار - مۇزدا يېڭى بىلىملەر بىلەن ئوزۇقلىنىش

«قەدىمكى ئالتايلىقلار جاپالىق، ناچار تەبىئىي مۇھىتتا ئوۋ ئوۋلىغاندا، پۇت قىسمىدىكى ئۇزۇن تاختىدىن پايدىلىنىپ قاردا تېيىلىپ ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تاسادىپىي بايقىغان، كېيىن بۇ تەدرىجىي ھالدا بىر خىل تەنھەرىكەت تۈرى − قار تېيىلىشقا ئۆزگەرگەن.» 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئالتاي ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي مۇزېيىدا، چۈشەندۈرگۈچى چېن مېيلىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.

شىنجاڭدىكى قار - مۇز باش تېما قىلىنغان بىردىنبىر كەسپىي مۇزېي بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جاي قار تەتىلى مەزگىلىدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن داكا جاي بولدى. «ئەجدادلىرىمىزنىڭ قار تېيىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، يۇرتۇمنىڭ قار - مۇز مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم» دېدى ئالتاي شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 3 - يىللىق 9 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى لاڭ يىخەن.

«12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، مۇزېيىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1000دىن ئاشتى.» بۇ مۇزېينىڭ مەسئۇلى جۇ دەندەن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ھەم مەكتەپلەر كوللېكتىپ تەشكىللىگەنلەر بار، ھەم ئۆز ئالدىغا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەلگەنلەر بار.

ئالدى بىلەن ئالتاي ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي مۇزېيىغا بېرىپ 45 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلارنىڭ «قار تېيىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش» تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاندىن يېقىن ئەتراپتىكى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا بېرىپ قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش قار تەتىلى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تاللىغان «ئالتۇن لىنىيە»گە ئايلاندى. قار تەتىلى مەزگىلىدە، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كۈنى كۈتۈۋالغان قار تېيىلىشقا كەلگەن ساياھەتچى 7000دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار 2000دىن ئاشىدۇ.

ئۈرۈمچىدە، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدىمۇ ئوخشاشلا ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ يىپەك يولى قار تېيىلىش مەكتىپىدە، 160تىن ئارتۇق تىرېنېر ھەر كۈنى 1600دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا يېتەكچىلىك قىلدى، قىشلىق لاگېردا ھەر كۈنى 600 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى مەشىققە قاتناشتى. «ئاپام مېنى قىشلىق لاگېرغا تىزىملاتتى، ئۈچ كۈن ئۆگىنىپ، ھازىر قار تېيىلىش يولىدا ئەركىن تېيىلىيالايدىغان بولدۇم» دېدى قار تېيىلىۋاتقان تولۇقسىز 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى يۈ جىخەن ھاياجانلانغان ھالدا.

قار - مۇزنى ھېس قىلىشتىن باشقا، تارىخىي مەدەنىيەت، سانائەت ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلغان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتىمۇ قار تەتىلى مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئون نەچچە باش تېمىلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇلار تارىخىي مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، سانائەت كارخانىلىرىنى كۆرۈش، تەبىئىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قار تەتىلى مەزگىلىدە، مەكتىپىمىز 18 سىنىپتىكى 900دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەخلاق تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ شىنچېن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۈرۈمچى «سىلۇ يوۋشى» مەدەنىيەت - ساياھەت كوچىسى، شىنخو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھېس قىلىش مەركىزىگە كىرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

شىنجاڭ مۇزېيى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتىدىكى ئالقىشلىق مەنزىلگاھ بولدى. 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، جەمئىي 15 مەكتەپتىكى 2300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تارىخنى چۈشەندى.

«بىز ئۈرۈمچىنىڭ مول قار - مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ <قار - مۇزنى ئاساس قىلىش، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش>تىن ئىبارەت كۆپ خىل ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىبىن مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «قار تەتىلىدە ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئۆسۈپ يېتىلىشتە قەدەمنى توختاتماسلىق»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش.

سىياسەت ئارقىلىق ئېقىمنى جەلپ قىلىپ، ئىستېمالغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش

قار تەتىلى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى قار تېيىلىش مەيدانى، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، قىشلىق ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى.

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قار تەتىلىنىڭ 2 - كۈنى، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ شەرقىي رايون مۇلازىمەت زالىدا، ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت سېتىۋالدى، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ئىجارىگە ئالدى، قار تېيىلىش يولىنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇخادىن چىققۇچە تېيىلىۋاتقان سىيمالارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى يېرىم باھادا ئىجارىگە بېرىش، تىرېنېرلار ئۆگىتىش ھەققىدە %20 تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىگە تايىنىپ، ئىستىراھەت رايونىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچىلەر ئېقىمى 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن% 70 ئاشتى.

«ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىگە قارىتا، بىز قار تېيىلىش سايمانلىرى زاپىسىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق» دېدى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ.

قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قىزغىنلىق يەنە ئەتراپتىكى يېمەك - ئىچمەك، ياتاق كەسپىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرىدىكى ماچاۋ دېھقانلار ئارامگاھى «قار تېيىلىش بېلىتى بارلار يېمەك - ئىچمەك باھاسىدا %20لىك، ياتاق باھاسىدا %25لىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن %40 ئاشتى. شىنجاڭ يۈنشۈ مېھمانساراي باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى يىشۈ يوۋرەن ئائىلىۋى مېھمانخانىسى قار تېيىلىش مەيدانىغا نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، 20 ئېغىز ياتاقنىڭ ھەممىسى توشۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى. «%90تىن كۆپرەك ئاتا - ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كۈندۈزى قار تېيىلسا، كەچتە ئائىلىۋى مېھمانخانىدا غىزالىنىپ، ياتاقتا يېتىپ، مۇقىم ئىستېمال يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرىي دىرېكتورى جۇ مېيچى.

جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا، قار تەتىلى مەزگىلىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچىلەر ئېقىمى 15 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى. «بىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قار تېيىلىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى يېرىم باھادا ئىجارىگە بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق، قار تېيىلىش مەيدانىدىكى يېمەك - ئىچمەك، ياتاق جەھەتلەردىمۇ مەخسۇس ئېتىبارلار بولدى، بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن ياڭ.

«قار تەتىلى بالىلارنىڭ خۇشال چاغلىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى <ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئائىلە ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، ئائىلە ئىستېمالى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش>تىن ئىبارەت ئىستېمال ھەمتۈرتكە ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دىلدار نەبى مۇنداق دېدى: بىر قاتار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى قىشلىق ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى»نىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

بايلىقنى يۇغۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى كەلگۈسىگە ساقلاش

قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى قار تەتىلىدە «دەم ئېلىش جەريانىدا ئۆگىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ قار تەتىلى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى بىلەن ئالتاي ئىككى جايدا مەدەنىيەت - ساياھەت بىلەن مائارىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، «قار - مۇز + مائارىپ» يادرو قىلىنىپ، قار تېيىلىش مەيدانىدا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئوقۇتۇش، خاس تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، دەرسخانا سىرتقا تۇتاشتۇرۇلۇپ، قار - مۇز بايلىقى جانلىق دەرسلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەت جەريانىدا مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ھېس قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

«بىز مائارىپ تارماقلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قار - مۇز تەسىراتى، قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى قولدا ياساش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىنىيەلەرنى لايىھەلەپ يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قار تەتىلى مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇنلۇق، تاللاشچانلىقى كۆپ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جۈەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، شەھەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ بىرىكمە تىپتىكى قار - مۇز مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش پاراۋانلىقىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشتىن مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىۋى ساياھەت، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى ئىستېمال قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت بىلەن مائارىپنىڭ چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشى قار - مۇز ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىغا ئىلھام بېغىشلىدى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز قار تەتىلىدىكى <سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىش، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش، رايونلار ئورتاق بەھرىلىنىش> تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، قار - مۇز ئىقتىسادى بىلەن مائارىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار - مۇز بايلىقىنى ھەقىقىي تۈردە شەھەر تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان <ئىللىق مۈلۈك>كە ئايلاندۇرۇپ، يىپەك يولى قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمى داڭلىق ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز» دېدى ۋاڭ جۈەن.

ئالتاي «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قار تەتىلىنى ۋاسىتە قىلىپ، قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش، قىيا تاش رەسىملىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، «ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئائىلە ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، ئائىلە ئىستېمالى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش»تىن ئىبارەت ئىستېمال زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. «بۇ خاس بايلىق بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرگەندە، <سوغۇق بايلىق>نى <ئىللىق كەسىپ>كە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېدى دىلدار نەبى.

«كەلگۈسىدىكى ئەتىيازلىق تەتىل، كۈزلۈك تەتىلدە، بىز <بايلىق + مائارىپ + ھېس قىلىش> ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز جايىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەتنى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، تاغ - دالىلارنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش لىنىيەسى بەرپا قىلىمىز.» دىلدار نەبى مۇنداق بىلدۈردى: يەنە مېھمانساراي، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ «تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى»نى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي مەيدان - سارايلىرىدا مەخسۇس داكا قىلىش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە بىلىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۆت پەسىل بايلىقى بىلەن تەتىللىك ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.