
11-ئاينىڭ 28-كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستى جۇڭشۈن كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تىككۈچىلىك بويىچە تەربىيەلەش سېخىدا، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى پىچىش، تىكىش، دەزماللاش ھەم ئاساسىي پاسون ئۆزگەرتىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
گۈلجامال ئەيسا فوتوسى






