تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

قىزغۇچ كەچكى شەپەق

   قىش كۈنلىرىنىڭ كەچقۇرۇنلۇقى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كەچكى شەپەق ئۇپۇققا قىيسايغان بولۇپ، خۇددى يېرىم يورۇق، يېرىم قاراڭغۇ ئاسمانغا ئەڭلىك سۈرۈپ، ئىللىق نۇر گەردىشى بىلەن بوياپ قويغاندەك، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. سوغۇق شامال غۇر-غۇر چىقىۋاتاتتى، بۇ ئىللىق نۇر كىشىلەرنىڭ ھارغىن تېنىنى ئىللىتتى، شۇنداقلا قايتىش يولىنى مۇلايىملىق بىلەن يورۇتۇپ، كىشىلەرنى ئىللىق ئۆيگە قايتىش يولىغا باشلىدى.

كەچكى شەپەق كىشىلەرنىڭ ئۆيگە قايتىش يولىنى ئىللىتتى. ليۇ يۈجيې فوتوسى

كەچكى شەپەق نۇرىدا، تىنچ سۇ يۈزى خۇددى بىر داس ئالتۇن شورپىغا ئوخشايتتى. ليۇ يۈجيې فوتوسى

توڭ سېلىنغان پارچە-پارچە سالا ئېتىزلار چاقناپ تۇراتتى. ليۇ يۈجيې فوتوسى

قومۇش پۆپۈكلىرى كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدا شامالدا يېنىك ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. ليۇ يۈجيې فوتوسى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن 2-شى يۇغۇرما تاراتقۇ نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.