تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى بىرتۇتاش ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدۇ

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ۋىيشىن سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىرتۇتاش ئىمتىھانى 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدىكەن.

 ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:

 مۇزىكا تۈرى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ؛

 ئۇسسۇل تۈرى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدۇ؛

 ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق) تۈرى (دىراما، كىنو-تېلېۋىزىيە ئاكتيورلۇق ۋە دىراما، كىنو-تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق يۆنىلىشى): 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدۇ؛

 دىكتور ۋە رىياسەتچىلىك تۈرى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدۇ؛

 گۈزەل سەنئەت ۋە لايىھەلەش تۈرى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە؛

 خەتتاتلىق تۈرى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى؛

 ئاكتيورلۇق (رېژىسسورلۇق) تۈرى (كىيىم-كېچەك مودېل يۆنىلىشى): ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە ئىمتىھان ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ (گەنسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئاساس قىلىنىدۇ)؛

 شىچۈ تىياتىرى تۈرى: ئىمتىھاننى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ ئۇقتۇرۇشى ئاساس قىلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىدى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.