تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئالاتاۋ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «قىزىل ئانار» قوغدىغۇچىلار

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوتوخا ئېرى ئولۇنبايىر بىلەن چېگرا چارلاش يولىدا كېتىۋاتماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بالىلار، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئارشاڭ ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېگرا چارلاپ چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن.» ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى خاۋتۇرخا ئەترىتىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى ئوتوخا 11-ئاينىڭ 29-كۈنى «كىچىك قوغدىغۇچىلار دەرسخانىسى»دىكى بالىلارنى ئېلىپ چېگرانى قوغداش مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىغا كەلدى. قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ، يىللارنىڭ شان-شەرىپى مۇجەسسەملەنگەن چېگرا قوغداش بۇيۇملىرىنى يورۇتتى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ قەلبىگە ماكاننى قوغداش ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» نامىغا ئېرىشكەن بۇ ئايال خۇددى «ئانارنىڭ دانىسى»دەك يېرىم ئۆمۈر «بۇ يەر بىزنىڭ ئائىلىمىز، چوقۇم ياخشى قوغدايمىز» دېگەن جەمەت قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئوتوخا ئوقۇغۇچىلارغا چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

   ئوتوخانىڭ چېگرانى قوغداش مۇھەببىتى ئۇنىڭ قان تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ۋارىسلىق قىلىش ئىدى. چېگرانى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسى جەمەتىدە ئۈچ ئەۋلاد داۋاملاشتى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بوۋىسىنىڭ ئات يېتىلەپ چېگرانى چارلاۋاتقان سىيماسى، دادىسىنىڭ كۆز نۇرلىرىدا ئەكس ئەتكەن قەتئىيلىك «چېگرانى قوغدىغانلىق ئائىلىنى قوغدىغانلىق» دېگەن ئېتىقادنى ئوتوخانىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغانىدى. 1986-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ بەختىنى چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن زىچ باغلىدى. ئوتوخانىڭ ئېرى ئولۇنبايىر دائىم «پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك» دەيتتى، ئوتوخا بۇنىڭغا قايىل بولۇش بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئۇ دائىم: «پارتىيە ئەزالىرىغا ئەگىشىپ ئىشلىسەك، چېگرانى قوغداش تېخىمۇ يۆنىلىشكە ئىگە بولىدۇ، مېنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولغۇم بار» دەيتتى.

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوتوخا ئېرى ئولۇنبايىر بىلەن چېگرا چارلاشتا ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەييارلىماقتا.

   ئالاتاۋ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۆيىدە خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان بۇ چېگرا قوغدىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن «چوڭ ئائىلە»دە ئوتوخا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان «سىرداش ھەدە» ۋە «باشلامچى»دۇر. دەسلەپتە ئەترەت ئەزالىرى ئارىسىدا تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بەزىبىر ئۇقۇشماسلىقلار پەيدا بولدى، ئەترەتتىكى دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىكنى مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر، قىزىل كىنو كۆرۈشكە تەشكىللەپ، يۇمۇرلۇق، چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھازىر كۆپچىلىك دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان پاراڭلىشالايدىغان بولدى. «ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەر كۈنى كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەمراھ بولسا، ھەر قانچە قىيىن يولدىنمۇ قورقمايمىز.» چېگرا قوغدىغۇچى ليۇ گۈيلەننىڭ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

   چېگرا چارلاش يولى ئەزەلدىن جاپالىق. قەھرىتان سوغۇق، قار ياغقان كېچىلەردە، نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گرادۇسلۇق چېگرا لىنىيەسىدە، چېگرا قوغدىغۇچىلار 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ چارلاپ، ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى مۇز تۇتۇپ، كىرپىكلىرىنى قىروۋ قاپلاپ كەتسىمۇ، يەنىلا قار-مۇزلارنى كېچىپ، چېگرا چارلاش يولىدا چارلىدى؛ دېڭىز يۈزىدىن 3800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چارلاش رايونىدا، چېگرا قوغدىغۇچىلار ياۋايى ھايۋانلار چىقىپ قالىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارغىمۇ ئۇدۇل يۈزلەندى ھەمدە دائىم دېمى سىقىلىش، بېشى ئاغرىشتەك ئېگىزلىك ئىنكاسىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى چارلاش قەدىمىنى ئەزەلدىن توختاتمىدى.

   ئوتوخا چېگرانى قوغداشتىن باشقا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئاچقان «كىچىك قوغدىغۇچىلار دەرسخانىسى» چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى. ئۇ بالىلارغا تاشتا چېگرانىڭ يەر شەكلى خەرىتىسىنى سىزىشنى ئۆگەتتى، خەلق ناخشىسى مېلودىيەسى بىلەن چېگرا تېشىنىڭ نومۇرىنى غىڭشىپ ئېيتىپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ چېگرا چارلاش يولىدا قايتا مېڭىشقا يېتەكلىدى، «قىزىل ئانار» روھىنى بالىلارغا قايتا-قايتا سۆزلەپ بەردى. «ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، دۆلەت تىنچ-ئىتتىپاق بولىدۇ.» ھەر يىلى تەتىلدە، بۇ يەر چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن لىق تولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى كۈلكە سادالىرى ئىچىدە بىخ سۈرىدۇ.

ئوتوخانىڭ ئۆيىگە قويۇلغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى (11-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان).

   «ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن»، بۇ ئوتوخانىڭ دەستۇرى، شۇنداقلا بارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى. بۇ بىر توپ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان چېگرا قوغدىغۇچىلار ياشلىق باھارى ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن چېگرا لىنىيەسىدە مۇستەھكەم توساق بەرپا قىلدى. ئۇلار« قىزىل ئانار» روھىنى ئالاتاۋ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوتوخا ئېرى ئولۇنبايىر بىلەن بىللە دۆلەت بايرىقى چىقارماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.