تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر يېڭى يەر بەلگىسى كۆپەيدى! ئاسىيا-ياۋرۇپا سودا مەركىزى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى

ئۈرۈمچىدە يەنە بىر يېڭى يەر بەلگىسى كۆپەيدى!

12-ئاينىڭ 1-كۈنى

بەينياۋخۇ لىنگاڭ سانائەت كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان

ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى −

ئاسىيا-ياۋروپا سودا مەركىزى بىرلەشمە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى

بۇ، مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بەردى

يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوش ئىمارەت ئېگىز قەد كۆتۈرگەن

ئىككى چۆرىدىمە بىنا خۇددى كەڭ يېيىلغان قوش قاناتقا ئوخشايدىغان بولۇپ

ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى

ئاسىيا-ياۋروپا سودا مەركىزى تۈرىنىڭ سىرتقى مۇھىتى (12-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان). مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  بۇ تۈردە جۇڭگو قاتناش گۇرۇھى 2-ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2021-يىلى 6-ئايدا باشلانغان، بۇ تۈر ئۈرۈمچى شۇاڭگاڭ بۆلەك رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 251 مىڭ 600 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ،  22 قەۋەتلىك قوش بىنا ۋە ئىككى ياقتىكى 5-4 قەۋەتلىك چۆرىدىمە بىنا بار.

  باش ئىشتاب بازىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئۇنىۋېرسال سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىربىرىنى تولۇقلاش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا سودا مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارالاشقان، ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان يېڭى ئوبرازىنى يارىتىشىغا يەنىمۇ كۈچ قوشىدۇ.

ئاسىيا-ياۋروپا سودا مەركىزى تۈرىنىڭ ئىچكى مۇھىتى (12-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان). مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئاسىيا-ياۋروپا سودا مەركىزى تۈرىنىڭ ئىچكى مۇھىتى (12-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان). مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  ئاسىيا-ياۋروپا سودا مەركىزى «يېڭى تىپتىكى خەلقئارا سودا + خەلقئارا كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت + تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى» قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق، 2026-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»گە كىرىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.