تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە تۈرلۈك شەكىلدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى دەرسى ئۆتۈلدى

كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش، قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە بولۇش، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش - رەسىم سىزىش...

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە تۈرلۈك شەكىلدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى دەرسى ئۆتۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ يەن

بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 14 - قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتتى.

قاتناش بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى «مەدەنىي قاتناش، ئەدەپلىك يول يۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىپ قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پائالىيەتتە، خەلق ساقچىلىرى تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوماق قورچاق سىياقىدا ياسىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولۇپ ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېز يېقىنلاشتۇرۇپ، ئازادە، خۇشال تەشۋىقات كەيپىياتى ياراتتى.

تەشۋىقات جەريانىدا، خەلق ساقچىلىرى قىزىقارلىق ئويۇن، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تېز سوئال سوراش، تېز جاۋاب بېرىش قاتارلىق ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلىدىكى تەربىيە ھالقىلىرى ئارقىلىق، ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا كىچىك سوۋغات تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قاتناش قائىدىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. ئارقىدىن، خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش قول ئىشارىسىدىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماس قەدەمدە تەقلىد قىلىپ مەشىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قاتناش قول ئىشارىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مەنىسىنى ئىگىلىتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى.

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭى شەھەر رايونى)لۇق چوڭ ئەترىتى دىۋوپۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى چېن لىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 82 - باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ھەمتۈرتكىلىك سوئال سوراش - جاۋاب بېرىش، تىپىك ھادىسە دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش ۋە سىنلىق قىسقا فىلىم قويۇش ئارقىلىق قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، يولدا قوغلىشىپ ئوينىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىدى.

چېن لىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن پىيادىلەر سىزىقىدا بىخەتەر يول يۈرۈش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، مەدەنىي يول بېرىشنى ئاڭلىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى گۇڭئەن تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت» ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان قاتناش بىخەتەرلىكى باش تېما قىلىنغان رەسىم، قول يازما گېزىت ۋە قاتتىق قەلەم ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، فۇكاڭ شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى يەتكۈزدى. پائالىيەتكە مەكتەپكە بېرىش - كېلىش، ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋابلار كىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئاسانلا ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

فۇكاڭ شەھەرلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سۇ مورەن پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بىخەتەر يول يۈرۈپ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن.

«ۋاي - ۋۇي، بۇنداق بولسا راستتىنلا بەك خەتەرلىك بولىدىكەن!» 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۇچا شەھەرلىك 11 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۆچۈگىنىدىن توۋلىشىپ كەتتى. شۇ كۈنى، مەكتەپ خەلق ساقچىلىرىنى مەكتەپكە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى خۇاڭ ياڭياڭ «ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىپ ھادىسە پەيدا قىلىش»، «تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش»، «ئاپتوموبىل ئالدىغا تۇيۇقسىز بۆسۈپ چىقىش»، ئالدى - كەينى ئىچكى چاق ئارىلىقىدىكى خەتەرلىك قاراڭغۇ رايوندا ھادىسە كۆرۈلۈش قاتارلىق قاتناشتىكى دائىم كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى جانلىق ئېچىپ بەردى ھەم تەقلىدىي نەق مەيداننى چۆرىدەپ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خەتەرنى بىلىشى، خەتەردىن ساقلىنىشى»غا ياردەم بېرىپ، ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

بۇ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىڭ ليەن مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش، باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئالاقىدار باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەپ»، ئۆگەنگەن بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ قاتناش قانۇن - نىزاملىرىغا ئورتاق رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.