تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش

− بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېرۋىياكوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

يېقىندا، بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندىر چېرۋىياكوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. تۆت كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىدىكى كارخانا سېخى، پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان تەرەققىيات مۇھىتى، جۇش ئۇرۇپ ياخشىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى بېكەتتە جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى يەتتىنچى قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە كەلدى. چېرۋىياكوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىركەت قاتنىشىپ قۇرغان زور تۈركۈمدىكى خىمىيە سانائىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى، جۈملىدىن ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە باش زاۋۇتىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت قۇرۇلمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىگىلەپ، بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سولياۋ، ئېتىلېن پىششىقلاش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە پاختا يىغىش ماشىنىسى، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساشتىكى تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم قىسمەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك سودا كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. چېرۋىياكوۋ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يۇغۇرۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ ماشىنا ياسىمىچىلىقى ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپ بولۇپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىرلەشمە كارخانىسى قۇرۇپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەم شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرىنى بېلارۇسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

ئارقىدىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭ جۇڭشىنجيەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىسىغا بېرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن بىيوپەن - تېخنىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېرۋىياكوۋ مۇنداق بىلدۈردى: بېلارۇسىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، ئورگانىك ئوغۇت قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ كەسىپ بىرىنچى سېپىدە ئىز قالدۇردى، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىش ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ھەم ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق قىياپىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. چېرۋىياكوۋ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، بېلارۇسىيە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 亚生江·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.