□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قار تەتىلىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن جايلار تۈرلۈك شەكىلدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، چۆكۈش شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش ئارقىلىق، ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قىزىقارلىق بولۇش، تەربىيە خاراكتېرى بولۇش بىر گەۋدىلەشكەن «قار - مۇز شادلىق باغچىسى»لىرىنى بەرپا قىلىپ، بالىلارنى كۈمۈش لىباس كىيگەن دۇنيادا قانغۇچە ئىزدىنىش، تەتىلنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 20دىن ئارتۇق بالا كۆكتوقاي گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، كانچى ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ چىڭ تۇرۇش ۋە تۆھپە قوشۇش روھىنى ھېس قىلدى. «بۇ قېتىمقى <بەش كۈنلۈك قار مۇھىتى لاگېرى> پائالىيىتى <قار تېيىلىش + تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش> شەكلىدە بولۇپ، قىزىل تەربىيە، تەبىئىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن قار تېيىلىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان.» شىنجاڭ بېيجىڭ كۆكتوقاي مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ پىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان قار تەتىلى پائالىيىتى بولۇپ، بالىلار ھەم كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەم چۆكۈش شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى ئوخشاشلا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ياخشى بارار جايىغا ئايلاندى. چوڭ بازار جياڭلەيچېڭدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» باش تېما قىلىنغان 20 تۈردىن ئارتۇق تۈرلۈك چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش تۈرى نۇرغۇن ياش - ئۆسمۈرنى جەلپ قىلدى. جىڭتەيلەن، ئويما بەت ئارقىلىق شەكىل بېسىش، تۈگۈچ توقۇش، بۇغداي غولى رەسىمى ياساش، ھۆسنخەت، رەسىملەرنى تۈپلەش ۋە نان يېقىشنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇلارغا قول سېلىپ ئىشلەش ئەمەلىيىتى داۋامىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ «VR قىشنىڭ جەلپكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش» پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنى مەۋھۇم قار - مۇز دۇنياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پەن - تېخنىكا بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل يۇغۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىشكە يېتەكلىدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى يولغا قويغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرى بىلەن قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش، گۈل تىزىش سەنئىتى ۋە تام رەسىملىرى سىزىق تەسۋىرى دەرسلىكى ئائىلىلەرنى ئىللىق ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ليۇمۇبەن قولدا ياساش مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسى بىڭتاڭخۇلۇ ياساش، مۇز ئۈستىدە توپ تېپىش، چانا تېيىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۈرلەر ھەمدە تۇمان سۆڭگىسىدە قۇشلارنى تاماشا قىلىش، قارلىق جايدا گۆھەر ئىزدەش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنى ئىزدىنىش جەريانىدا قار - مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنجاڭ تىرىك ھاشاراتلار مۇزېيى باشقىچە بىر خىل شەكىل ئارقىلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. بۇ جايدا، بالىلار سۈزۈك ئەينەكلىك كۆرگەزمە ئىشكاپى ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ شەكلى ھەر خىل ھاشاراتلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى. بەزى بالىلار ھاشاراتلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆزىنى ئۈزمەي كۆزەتتى، بەزىلىرى بىر ھاشاراتنى يېنىك كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالىقاندا ئۆمىلەپ ماڭغاندىكى ئىنچىكە تېگىش سېزىمىنى ھېس قىلدى. ساراي ئىچىدە خۇشال كۈلكىلەر ۋە ھەيران قېلىش ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، بالىلار «كۆزىتىش، ئۆگىنىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش» داۋامىدا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئاجايىپ ۋە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.
«بالىلارنى چۆكۈش شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا، قار تەتىلى مەزگىلىدە، بىز يەنە <كېپىنەك سېھىرگەرلىك ھۈنەرخانىسى> باش تېما قىلىنغان پائالىيەتنى ئالاھىدە يولغا قويدۇق.» شىنجاڭ تىرىك ھاشاراتلار مۇزېيىنىڭ باشلىقى ليۇ سىجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلار ئۆز قولى بىلەن كېپىنەك ئەۋرىشكىسىنى ياساپ، ھاياتلىق ئىلمىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ پائالىيەت بالىلارغا ئەۋرىشكە ياساش ماھارىتىنى ئىگىلىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى قول سېلىپ ئىشلەش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بىلىمگە ئىگە قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، بىر ئۇنتۇلغۇسىز تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.






