ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قەلبى ئوزۇقلاندۇرۇلدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆز، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ۋە جانلىق، تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يەتكۈزۈلۈشىگە، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، لېكسىيە ئۆمىكى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ دۆربىلجىن بازىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئەمەلىيەت بازىسى، دۆربىلجىن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، چۆچەك شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ، چۆچەك شەھىرى دۇبېك كوچا باشقارمىسى گۇاڭمىڭ مەھەللىسىدە جانلىق، چوڭقۇر، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.
لېكسىيە نەق مەيدانىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە ئەتراپتىكى مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلىدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشنى ۋە جانلىق ئەمەلىيەتنى بايان قىلدى. لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە ئىگە، ھەم ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولدى.
«لېكسىيە ئاممىغا يېقىن بولدى، <چوڭ داۋلى>نى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلىي ئىشقا ئايلاندۇردى، مەيلى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ياكى يېزا - كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى كۆڭلىمىزدىكىدەك گەپلەر بولدى. لېكسىيەنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ كەلگۈسى ياخشى كۈنلەرگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى ۋۇ يۈجيې.
لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى سۆزلىگەن ھەربىر جانلىق ھېكايە، ھەربىر كۈرەش مەنزىرىسى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلاردا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى، يىغىن مەيدانىدا پات - پات ئۈزۈلمەي ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل «پۇقرالار پۇقرالارغا سۆزلەپ بېرىش» ئۇسۇلى يۈكسەك نەزەرىيەنى يېقىملىق، يېقىن، ھېس قىلغىلى، بىلگىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«بىزنىڭ نىشانىمىز پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ياخشى <قەلب تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى> بولۇش.» قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كەلگەن لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى لى لى مۇنداق دېدى: لېكسىيە ئۆمىكى «يېزىق تىلى»نى «ئاممىباب سۆز»گە ئايلاندۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، چوڭ داۋلىنى كىچىك ھېكايىلەرگە سىڭدۈرۈپ، كۆپچىلىكنى ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش، بىرلىكتە يۇرتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكى ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئاممىغا يېقىن، ھارارەتلىك، كۈچلۈك لېكسىيە ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا يەتكۈزدى.
ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچا باشقارمىسى خۇڭشى مەھەللىسىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «كىچىك نۇقتا» ئارقىلىق «چوڭ باش تېما»نى نامايان قىلىپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق مىساللار، ھەقىقىي تەسىرات ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلارنى بايان قىلىپ، زور نەزەرىيەنى كونكرېت ھېس قىلغىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يەنە «لېكسىيە + سىن» شەكلىنى ئىجادىي قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق ئىزاھلاپ، چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كەلگەن لېكسىيە سۆزلىگۈچى خۇاڭ مىڭجاڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى تۇردى ئوسماننىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپچىلىكنى تەستە قولغا كەلگەن تىنچ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى. «بىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى مىسال قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىمىز» دېدى خۇاڭ مىڭجاڭ.
شۇ كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكى يەنە ئالتاي شەھىرى لەنتيەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئۆز خىزمىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ لى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل پار بىلەن تەمىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئۆيىنى تېخىمۇ ئىللىتىش، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، لېكسىيە ئۆمىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، فۇكاڭ شەھىرى، سانجى شەھىرىدە كۆپ مەيدان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.
فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چىڭگۇەن بازىرى لىياڭ كەنتى، فۇكاڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاممىغا يېقىن سۆزلەر، جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىندا تۈزۈلگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.
«بۇ مەيدان لېكسىيە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەدە تاۋلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق جانلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس بولدى.» فۇكاڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما لى چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «لېكسىيەدىكى ئاشۇ كۆرگىلى، ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۈلگىلەر ئوقۇغۇچىلارغا <ياشلىق باھارىنىڭ قىممىتىنى كۈرەش داۋامىدا نامايان قىلىش كېرەك> دېگەننى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىككە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنىڭ چېگرا رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز غايە - ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز».
11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لېكسىيە ئۆمىكى سانجى شەھىرىگە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شىلۇڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سانجى شەھىرى جيەنگو يولى كوچا باشقارمىسى جياشۈن مەھەللىسىدە لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چىڭ كۆزلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۈنۈملۈك بازار ۋە قابىل ھۆكۈمەت قاتارلىق مەزمۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ چىڭ ساقلاپ تۆھپە قوشقانلىقىنى جانلىق بايان قىلىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق چوڭ داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يېشىپ چۈشەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ ھېس قىلىش، چۈشىنىش، كاللىغا، قەلبكە ئورناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«لېكسىيەنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان بولۇش، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، <يېزىق تىلى> ئاز، <ئاممىباب سۆزلەر> كۆپرەك بولۇش كېرەك.» خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن كەلگەن لېكسىيە سۆزلىگۈچى مەدىنەم مەتتوختى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقاندا مۇنداق دېدى: مەن باشتىن - ئاخىر كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بەخت مەنزىرىسى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل ياخشىلاش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەرەققىيات مىساللىرىنى يىرىك نەزەرىيەلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ بايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قانداق قىلغاندا ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى داۋاملىق زىممەمگە ئېلىپ، ئاممىغا يېقىن شەكىلدە ئومۇمىي يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلار باۋ خۇڭيۈ، شىڭ ۋېنتاۋ، يى جىشياڭ، ياڭ خې)






