يېقىندا، شياڭگاڭ شىنجيې دابۇ رايونى خۇڭفۇيۈەندىكى زور ئوت ئاپىتىگە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلدى. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى باشلانغان 2025 - يىللىق «قەشقەر لوڭقىسى» دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى كەسكىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇتبولچىلار بىلىكىگە قارا شايى تېڭىپ مەيدانغا كىرىشكە ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەڭشەش تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شياڭگاڭدىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا بىلدۈرگەن چوڭقۇر تەزىيەسى.
كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، «قەشقەر لوڭقىسى»نىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىكى 150 مىڭ يۈەن كىرىمنىڭ ھەممىسى شياڭگاڭدىكى ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا ئىئانە قىلىندى، مۇسابىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى سۆز قالدۇرۇش رايونىمۇ «شياڭگاڭ غەيرەت قىل» «بىز قەلبداش» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن توشۇپ كەتتى. شياڭجياڭغا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتەك قان تومۇرغا سىڭىپ كەتكەن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت پۇتبول ئارقىلىق تۈمەن مىڭلىغان توپ مەستانىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن تاغ - دەريالار چىن رىشتىنى ئۈزەلمىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خادىملار ئالاقىسى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، خەلق ئىچى ھەمتۈرتكە بولۇشقىچە، ئىككى جاي بالدۇرلا چوڭقۇر دوستلۇق رىشتى ئورناتتى.
بۇ رىشتە يەنە پۇتبول سەۋەبلىك تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بۇ يىل يازدا، شياڭگاڭ چولپانلار پۇتبول كوماندىسى قەشقەردە سۈرەتكە ئالغان ئىجادىي قىسقا سىن شياڭگاڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئېكراننى قاپلىدى؛ «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېنلىق ياش - ئۆسمۈرلەر شىنجاڭ سەپىرى» مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان بالىلار، قەشقەر كوچىسىدا شۇ جايدىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن ئىختىيارىي مۇسابىقىلىشىپ، ئۆزئارا چۈشەندۈرۈش كەتمەيدىغان، لېكىن ئىنتايىن ماسلاشقان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى.
دەل كۈنسېرى توپلانغان بۇ خىل ھېسسىيات رىشتى ئىككى جايدىكى خەلقنى خەتەرلىك پەيتتە بىر - بىرىگە تېخىمۇ ھەمنەپەس بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شياڭگاڭدا بۇ قېتىم تۇيۇقسىز ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە، «قەشقەر لوڭقىسى» مۇسابىقە مەيدانىنىڭ قايتۇرغان تېز ئىنكاسى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ يىلتىزداش، قەلبداش بولۇشتەك سالاھىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتىن كەلگەن، شۇنداقلا شىنجاڭ، شياڭگاڭ ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغانلىقى، تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردى.
ماڭغانىدۇق ئىككىمىز تاغلار ئارا جۇدۇندا، تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا. خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر دەستە تەزىيە گۈلىدىكى باغاقچىغا: «كۆپچىلىك بەرداشلىق بېرىڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللە» دەپ يېزىلغان. بۇ «شىزىشەن روھى»نىڭ تەسۋىرى، شۇنداقلا «بىز قەلبداش» دېگەن سۆزنىڭ تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان ئەكس ساداسى.
ئاپەت ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى مەڭگۈ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






