تۇرپان بىلەن قومۇل كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر گو زىيى خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان «قومۇل شەھىرىنىڭ يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى تاشيولىدا ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بەلگىلىمىسى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى تاشيولىدا ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق تۈزۈلگەن يەرلىك نىزام.
تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىكى يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى قومۇل، تۇرپان ئىككى جاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئالاھىدە ھاۋارايى رايونى بولۇپ، كۆپ يۈزبېرىدىغان ئىنتايىن قاتتىق بورانلىق ھاۋارايى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق قاتناش چوڭ تومۇرىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. رايون ھالقىپ تۈزەشتىكى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىدا، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىش ئارقىلىق، يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدا تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى ئورتاق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى.
«نىزامنى تەييارلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، بىز قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن كۆپ قېتىم مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق.» تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسى، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى تاشيولىدا ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ماس قەدەمدە كۈچەيتىپ، ئىنتايىن ناچار ھاۋارايى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى تاشيولنىڭ دائىرىسى بېكىتىلدى: تۇرپان بۆلىكى G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 3225 كىلومېتىردىن 3360 كىلومېتىرغىچە بولغان رايون ئارىلىقى ۋە S328 لىنىيەسىنىڭ 250 كىلومېتىر + 180 مېتىردىن 260 كىلومېتىر + 723 مېتىرغىچە بولغان رايون ئارىلىقىدا؛ قومۇل بۆلىكى G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 3100 كىلومېتىردىن 3225 كىلومېتىرغىچە بولغان رايون ئارىلىقى ۋە S328 لىنىيەسىنىڭ 111 كىلومېتىردىن 250 كىلومېتىر + 180 مېتىرغىچە بولغان رايون ئارىلىقىدا بولىدۇ.
«<بەلگىلىمە>دە ئىككى جاي يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى تاشيولىدا ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بەلگىلىمە بويىچە، قومۇل ۋە تۇرپان ئىككى جاي بىرلىكتە يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى تاشيولىدا ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە قوماندانلىق ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىدۇ، ئىككى جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەگە مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئورتاق زىممىگە ئالىدۇ، قوماندانلىق ئاپپاراتى ئىشخانىسى ئىككى جايدىكى شەھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگىنىدا تەسىس قىلىنىپ، كۈندىلىك ئالاقە ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
«<بەلگىلىمە>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، بىز <تۆتكە مەركەزلەشتۈرۈش>نى گەۋدىلەندۈرىمىز: دىققەتنى ماس ھەمتۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان بىر گەۋدىلەشكەن جەڭگە قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز؛ دىققەتنى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلايمىز؛ دىققەتنى تېز ئاۋاز قوشۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئېلان قىلىش ۋە قاتناشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز؛ دىققەتنى ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق - تەربىيە ۋە جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز» دېدى قومۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى يۈنتاۋ.






