تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزنى چاقنىتىدىغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى «2025 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان ئاپتونوم رايون مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى»نى ئېلان قىلدى، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 217 مىليارد 710 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشتى؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 552 مىليارد 570 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، كىرىم - چىقىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە باج كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت كىرىمى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى، كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

كىرىم قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ بويىچە باج كىرىمى 127 مىليارد 720 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشتى؛ باجدىن باشقا كىرىم 89 مىليارد 990 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى، 7 - ئايدىن بۇيان، باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى.

«بىر ئېشىش، بىر تۆۋەنلەش» شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل باج يوللىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ باج تارمىقى باج ئېلىش - باشقۇرۇش بىلەن باجنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق باج مەنبەسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ساقلانما مۈلۈكنى پائال جانلاندۇرۇپ، باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، مالىيە كىرىمى بوشلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى.

شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىگە ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالساق، يارقىن نۇقتىلار بەس - بەستە نامايان بولدى: ئىچكى قوشۇلما قىممەت بېجى 45 مىليارد 630 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشتى، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى روشەن بولۇپ، ئىقتىساد ئاساسىي ھالىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ كارخانا تاپاۋەت بېجى 20 مىليارد 190 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشتى، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيىتى جانلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى؛ بايلىق بېجى 16 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشتى، بۇ، سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىش سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈردى.

باجدىن باشقا كىرىم جەھەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى دۆلەت بايلىقى، مۈلكىنى جانلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى پائال چوڭقۇر قازدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، دۆلەت بايلىقى(مۈلكى)نى ھەقلىق ئىشلىتىش كىرىمى 48 مىليارد 240 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشتى؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش پايدىسى 18 مىليارد 160 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.8 ئاشتى؛ دۆلەت كاپىتالى تىجارەت كىرىمى جەمئىي 4 مىليارد 960 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %122 ئاشتى، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى.

چىقىم خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردى

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 552 مىليارد 570 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، مالىيە چىقىمى جەھەتتە زۆرۈر سىجىللىق ساقلاپ قېلىنىپ، چىقىم قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىم كاپالىتى كۈچلۈك بولدى.

«بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مالىيە تارماقلىرى مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە <ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش> (ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش) تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئامما <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان> ئىشلارنى ھەل قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 420 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %76ىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 74 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى؛ سەھىيە - ساغلاملىق چىقىمى 41 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشتى؛ شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى چىقىمى 41 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئاشتى. شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بايلىق چارلاش ئۇچۇرى چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %115.2، پەن - تېخنىكا چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.3، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5، مائارىپ چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى؛ چىقىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قېزىلما بايلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاكتىپ سىگنالىنى تارقاتتى.

ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىم - چىقىمى مۇقىم ئاشتى

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت كىرىمى جەمئىي 43 مىليارد 460 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشتى؛ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت چىقىمى جەمئىي 141 مىليارد 940 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى.

«بۇ يىل، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ساقلانما يەر بايلىقىنى پائال جانلاندۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر تۈرى بويىچە يەردىن كىرىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى تىرىشىپ قېزىپ، يەر بايلىقىدا <خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىش> سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يەرنى ھەقلىق بېرىش كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى» دەپ چۈشەندۈردى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت كىرىمى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش كىرىمى 32 مىليارد 830 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشتى. ئۆي - مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر - بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5، %5.3 ئېشىشىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يەر بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەدرىجىي ھالدا مۇۋاپىق كۆلەم، سەۋىيەگە يۈزلىنىپ، يەرگە دائىر پۈتۈشۈش سىجىل جانلىنىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا چۈشۈرگەن پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىدىن، ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈر چىقىمىنىڭ كۆپىيىشىدىن بولدى.

دۆلەتنىڭ «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز مالىيەسى بۇ يىل شىنجاڭغا 43 مىليارد 930 مىليون يۈەنلىك پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى چۈشۈرۈپ، مۇھىم ئىستراتېگىيە ۋە نۇقتىلىق ساھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 亚生江·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.