تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەن) ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

2025 - يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئېچىلدى

مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەن) ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

خۇەي جىنپېڭ، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 2025 - يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ مىنىستىرلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر پىلانلاۋاتىدۇ. شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نىشان - ۋەزىپىلەر، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر پىلانلاپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۇللۇق، باشلامچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنىنى ياخشى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم رايون مائارىپ مەركىزى قۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاساس مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە يار - يۆلەك بولۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ جەھەتتىكى تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قوللىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. شىنجاڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىنىستىرلىق، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەن) ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مائارىپنى كۈچەپ ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يىغىندا، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون، مىنىستىرلىق بىلەن بىڭتۇەن ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر شيۇڭ سىخاۋ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەم بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 亚生江·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.