تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | بۇلۇت دېڭىزى . سايرام كۆلى

مەنبەسى: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   يېقىندا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى. ئون مىڭ چاقىرىم ھالقىغان سۇ پارلىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە يىغىلىپ، بۇلۇت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، كۆل يۈزىدە گويا مەۋج ئۇرۇپ ئاقتى، بۇ «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» بۇلۇتلار ئارىسىدىكى غايىۋى ماكانغا ئايلىنىپ قالدى.

سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى.

سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى.

   ئەينەكتەك سۈزۈك كۆل يۈزىدە بۇلۇتلارنىڭ گۈزەل سىماسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، كۆپكۆك كۆل سۈيى بىلەن ئاپئاق بۇلۇت دېڭىزى ئۇپۇق سىزىقىدا مۇلايىملىق بىلەن ئۇچراشقانىدى، ئاسماننىڭ كەڭلىكىمۇ ياكى كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقىمۇ، بۇنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

ئەينەكتەك سۈزۈك كۆل يۈزى.

سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى.

   يىراقتىكى قارلىق تاغ كۈزنىڭ رەڭدارلىقىنى ئۇزىتىپ بىر قەۋەت نېپىز قار بىلەن قاپلانغان يىراقتىكى قارلىق تاغ بۇلۇت دېڭىزىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تاغ ئارىسىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار بۇ غۇۋا مەنزىرىگە باشقىچە تۈس قوشتى.

سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى.

سايرام كۆلىنىڭ مەنزىرىسى.

   شامال ئۆتكەن جايدا، بۇلۇت دېڭىزى بەزىدە يېنىك شايىغا ئوخشاش لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ، كۆل يۈزىنى يېنىك سىيپاپ ئۆتۈپ، مەيىن دولقۇن پەيدا قىلاتتى؛ بەزىدە شىددەتلىك دولقۇندەك، تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ، تۈلۈك-تۈمەن گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

سايرام كۆلىدە بۇلۇت دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالدى.

   قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتۈپ، كۆل يۈزى ۋە بۇلۇت دېڭىزىغا چېچىلىپ، كۆك رەڭنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاق رەڭنى تېخىمۇ ساپ قىلىپ، پۈتۈن كۆلنى سۈزۈك ھەم غۇۋا نۇرلارغا چۆمدۈردى. بۇ يەردە ئېلىنغان ھەر بىر قەدەم خۇددى چاڭ-توزان قونمىغان خىيالىي مەنزىرىدە كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

(خەۋىرىنى يازغۇچى: جۇ جېنلۇڭ، سۈرەت ۋە سىنغا تارتقۇچى: لى چياڭ، جۇڭ داۋېي، خې جىجۈن، شى دەيچاۋ، مونتاژ: جۇڭ داۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.