قەشقەرگە كەلسىڭىز، نادىر يەر بەلگىسى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چوقۇم ئەگىپ كېتەلمەيسىز، مەيلى يىراقتىن نەزەر سېلىڭ ياكى قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىڭ، ھەممىلا يەردە قەدىمىي شەھەرگە خاس ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتقا ئىگە بولالايسىز.
يەنە بىر ئىش: كىنولاردىكىدەك كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتالايسىز! قەدىمىي شەھەرنىڭ يەر شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپچىلىك خۇددى گۆھەر قازغاندەك نۇرغۇن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى قېزىپ چىقالايدۇ.
«كوئېنلۇن مۇنارى» ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈش، قەدىمىي شەھەرنىڭ سېپىل تاملىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش، ھەسەن-ھۈسەن پەلەمپەي بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇش ... كىنولاردىكىدەك كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدىغان بۇ گۆھەردەك تېپىلغۇسىز گۈزەل جايلارغا بارسىڭىز ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلىسىز، سىز ئۈچۈن ھەممىسىنى رەتلەپ چىقتۇق ~
01 ئەڭ راھەت ! قەدىمىي شەھەرنىڭ تار كوچىلىرىدىكى ئازادىلىك تۇيغۇسى

ئورنى: گىلەم كوچىسى
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 11:00لەردە

ئورنى: كوزىچى يار بېشى
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 10:30لەردە، سۈرەتكە تارتقاندا كەڭ بۇلۇڭلۇق لېنزا ئىشلىتىش تەكلىپى بېرىمىز
03 ئەڭ ئوماق! مەنزىرە كۆرۈش چاقپىلىكىمۇ ئۆزگىچە

ئورنى: يىپەك يولىدىكى گۈزەل قاشتېشى ئۇدۇلىدا
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 12:00لەردە
04 ئەڭ نادىر! كوئېنلۇن مۇنارىدىكى ساياھەتچىلەر ئۆزى تارتقان سۈرەتلەر

ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 13:00لەردە

ئورنى: ناشىمەن ئائىلىۋى مېھمانخانىسى
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 15:00لەردە

ئورنى: گىلەم كوچىسى
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 14:00لەردە

ئورنى: خالىغان بىر كوچا
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 15:00لەردە

ئورنى: يىپەك يولىدىكى گۈزەل قاشتېشى ئۇدۇلىدا
ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىدىغان ۋاقىت: سائەت 14:00لەردە
سىز چوقۇم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ بىر كۆرۈپ بېقىڭ، شۇ چاغدا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن گۈزەل شېئىرىي مىسىرالارنى چۈشىنەلەيسىز.
ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پەيتتە، ھەر قانداق كىشى ئۇنى سۆيمەي تۇرالمايدۇ.
كېچە-كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرىدۇ، شەيئىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ئۇنتۇلمايدىغىنى گۈزەل مەنزىرىلەردە سۈرەتكە چۈشۈپ قالدۇرغان خاتىرە سۈرەتلەردۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە گۈزەللىكنى بايقاشقا ماھىر كۆز بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ قەشقەردە رازى بولغۇدەك سۈرەتلەرنى تارتىشىغا تىلەكداشمىز!
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






