ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى
قىش كۈنلىرى كالا، قوي گۆشى يەپ قۇۋۋەت تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشتا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
شىنجاڭ كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فەن مىن
بىر كىشىلىك ساغلام تاماق ئۈچ مۇھىم ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاساسلىق يېمەكلىك (گۈرۈچ، ئۇن، نان) ئاساسىي ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل (مۇۋاپىق مىقداردىكى كالا، قوي گۆشى) جىسمانىي كۈچنى ئاشۇرىدۇ
كۆپ مىقداردىكى كۆكتات (مەسىلەن، ياڭيۇ، كۆك لازا ياكى سوغۇق سەي)
ۋىتامىن بىلەن تالا تولۇقلايدۇ
كۆكتات ۋە مېۋە قىش پەسلىدە كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق خەزىنىسىدۇر
تەڭپۇڭ ماسلاشتۇرۇلغاندا، ئاندىن بەدەننى ئىسسىق تۇتۇپ قىشتىن ئۆتكىلى، ياغسىز غىزالانغىلى
ساغلام بەدەنگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
قانداق قىلغاندا كالا، قوي گۆشىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىپ، بەدەننى ھەقىقىي ئىسسىق تۇتقىلى ۋە ساغلام قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئاساسلىق يېمەكلىك، ئاقسىل ۋە كۆكتاتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەنئىتى ئاچقۇچ. «تاماق ئۈستىلىدىكى ئۈچ مۇھىم ئامىل»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇپ قىشتىن ئۆتۈشتە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلدى
نازارەتچى: چاۋ جىن
لايىھەلىگۈچى: دۇڭ خەنۋېن
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى\مەزمۇن تەييارلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






