ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ تولىمۇ قىزىۋاتقان «مۇز لەيلىمە»دەك لەيلەشنى شىنجاڭدا ھېس قىلغىلى بولىدۇ
يېقىندا
دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى «مۇز لەيلىمە» ھېس قىلىش تۈرى
«قار ماكانى» ئالتايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشتى
بۇ يەر دەل ئاۋىيتان سۇ ئامبىرىدا
كۆپچىلىك ئۇچىسىغا ئالاھىدە ياسالغان سۇ ئۆتمەس ئىسسىق ساقلايدىغان قىزىل رەڭلىك غەۋۋاسلار كىيىمىنى كىيىپ
ئاستا-ئاستا مۇز سۇغا چۈشۈپ
ئالتايدىكى ساپ مۇز بىلەن قاپلانغان كۆل يۈزىدە بەخىرامان لەيلەپ
مۇز يۈزىدە «لەيلەش»تىن ئىبارەت ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى

«مۇز لەيلىمە» تۈرىدە نۇرغۇن ھېس قىلىش ۋاقىت بۆلىكى تەسىس قىلىندى
بۇنىڭدا كەچقۇرۇندىكى «كۆك رەڭ پەيت»
ئالتاينىڭ قىش پەسلىدىكى جىمجىتلىقى ۋە ھەيۋەت گۈزەللىكىنى
تولۇق نامايان قىلىدۇ
مۇنداقلا سۈرەتكە تارتسىڭىز ۋە سىنغا ئالسىڭىز تولىمۇ كۆركەم چىقىدۇ
ھېس قىلىش مۇلازىمىتى بىر يۈرۈش كەسپىي مۇز لەيلىمە جابدۇقلىرى
ئىسسىق چاي ۋە ئازادە ئارام ئېلىش رايونى
يەنە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
سىزنى باشقا نۇقتىدىن قار-مۇزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي
يەنە كۆپچىلىكنى «ئاجايىپ گۈزەل پەيت»لەردىن خاتىرە قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ








