تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «قار تەتىلى»دىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مۇزېينىڭ تەشۋىق-تەربىيە بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، «قار-مۇز + مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت قوش يادرونى چۆرىدەپ، 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە توققۇز كۈنلۈك قار تەتىلى يۈرۈشلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى قار تەتىلى مەزگىلىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كەينىدىكى ھېكايىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر خېمىر ھەيكەل ياساشنى ئۆگەنمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئېكسكۇرسىيەچىلەر «ئۈرۈمچىدە خۇشال ياشاش»(乐活乌鲁木齐) ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، سارايغا كىرىشنى ئالدىن كېلىشمىسىمۇ بولىدىكەن، بۇ، مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېخىمۇ قولايلىق بولىدىكەن.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي ئاچقان VR ھېس قىلىش رايونىدا، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار VR قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلدى.
مۇزېي ئەنئەنىۋى جىمجىت ھالەتتىكى كۆرگەزمە كۆرۈش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «پەن ـ تېخنىكا + مەدەنىيەت + قار-مۇز» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، VR ئارقىلىق كۆرۈش، AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوئال-جاۋاب، سۈرەت بايقاش قاتارلىق ھەمتۈرتكە شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆرگەزمە زالىدا قار ـ مۇزغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يىپ ئۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلاشقا يېتەكلەيدىكەن. پائالىيەتتە تامغا باسقۇزۇشقا داكا قىلىش قاتارلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنى ساراي ئىچىدىكى قار-مۇز، قىشلىق تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلىملىرى ۋە تارىخىي ھېكايىلەرنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ۋە قەدىمكىلەرنىڭ زىمىستان قىشتىكى تۇرمۇش ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا، پىدائىيلار قار تەتىلى سۆز قالدۇرۇش تېمىغا ئائىت ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، پائالىيەتتە يەنە «ئۈرۈمچى شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» ئارقىلىق، تاش رەسىم، خېمىر ھەيكەل، كەمپۈت رەسىم قاتارلىق ساھەلەردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرى نەق مەيداندا نامايان قىلىش ۋە ئۆگىتىش ئېلىپ بارىدۇ. خەلق سەنئەتكارلىرى قار-مۇز ئامىللىرىنى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتكە ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈپ، جانلىق نامايان قىلىدۇ ۋە ھەمتۈرتكىلىك دەرس ئۆتىدۇ.
بۇ قېتىمقى «قار تەتىلى» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، بۇ دەم ئېلىشتا ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە خاراكتېرلىك، قىزىقارلىق ۋە ھېس قىلىشچانلىققا ئىگە ياخشى سورۇن ھازىرلاپ، بۇ «قار تەتىلى»نى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى بىلەن تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ۋە ئىللىقلىققا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا نۇرغۇن نەپىس تاش رەسىملەر بالىلارنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئېكسكۇرسىيەچىلەر تېرە ئويما بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنىرىنى ئىگىلىمەكتە.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






