تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى بۇ ياخشى بارار جاي 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىلدى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى B4 كېپىنەك سارىيى

(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كېپىنەك سارىيى» دېيىلىدۇ)

 رەسمىي ئېچىلدى

 كېپىنەك سارىيىغا كىرسىڭىز، ئىللىق سېزىم يۈزىڭىزگە ئۇرۇلىدۇ. تۈرلۈك شەكىلدىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، شاخ-يوپۇرماقلار باراقسان ئۆسكەن، كۆلچەكتىكى تاماشا قىلىشقا قويۇلغان بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈۋاتقان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. قۇرۇلۇش خادىملىرى ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش رايونىغا يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىققا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەم ئىسسىقلىقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىدىغان قۇياش نۇرى تاختىسى ئورنىتىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن مۇقىم ھەم مۇۋاپىق بولغان ئۆسۈش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگەنىدى. بۇ ساراينىڭ پارنىكىدا خىزمەتچى خادىملار كېپىنەكلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قويۇپ بېرىۋاتاتتى، كېپىنەكلەرنىڭ بەزىلىرى قاناتلىرىنى كېرىپ مۇھىتقا ماسلاشسا، يەنە بەزىلىرى گۈللەرنىڭ ئۈستىگە قونۇپ گۈل شىرنىسى يىغىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرگەن ھالىتى كىشىنىڭ تولىمۇ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ساراي ئىچىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى كېپىنەكلەر ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن رومانتىك كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

 كېپىنەك سارىيىدىكى پارنىكتا، گۈللەرگە قونغان كېپىنەكلەر گۈل شىرنىسى يىغماقتا.    يېركېش فوتوسى

 

 كېپىنەك سارىيىدىكى پارنىكتا، نەچچە ئون خازان كېپىنەك دەرەخ غولىغا قونۇپ ئارام ئالماقتا.    يۈەن چىخاۋ فوتوسى

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا زامانىۋىلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتىن 18ى بار بولۇپ، ساراي ئىچىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى يىل بويى 24 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا مۇقىم بولىدۇ، ئوكسىگېن مەنپىي ئىئونىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك كېپىنەكلەرنىڭ ياشىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

 مەنبە: سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى سىن سۇپىسى

 مۇخبىرلار: يېركېش، يۈەن چىخاۋ

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.