□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\فېڭ جياشۇن
«تىرىشىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۈچى قوشۇش كېرەك.»
جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى 3 - نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پىدائىيلارنىڭ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىدىكى مۇھىم يول. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپىدە «پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى ۋە فۇنكسىيەسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىيەت يولى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
«دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالار تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ «مۇلازىمەت»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا كۆرسىتىپ بەردى.
«دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش» − پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «كىچىك مەن»نى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتىدىكى بارلىق ئەزالارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، كەڭ ياشلارنى «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇڭلار» دەپ ئىلھاملاندۇردى.
غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئارزۇنى بىخلاندۇرۇش، خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ئىللىق مۇلازىمەت قىلىش... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى تېخىمۇ كۆپ ياشنى دادىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە پائال نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
«پۇقرالار تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» − خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى ۋە داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى ۋە ئاجىز نۇقتىلارنى چۆرىدەپ كەسىپلەشكەن ۋە قاراتمىلىقى بولغان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئاممىنى يېتەكلەش يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. يېڭى مۇساپىدە، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە ئاممىنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، موھتاجلىقتا جانغا ئەسقېتىش شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ يەنە خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
«جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش» − پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۈچى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ياخشى ئىدارە قىلىشقا قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك.
پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۇقرالارغا ياردەم قىلىش، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلىپ، سىرداشلاردىن بولۇش. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن تۈجۈپىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكىچە، يەنە زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىشقىچە... كەڭ پىدائىيلار مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى «قەلب تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى»نى تېخىمۇ ياخشى سېلىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
«چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ روشەن قىممەت يۈزلىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ھەربىر كىچىك ياخشى ئىش چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت ئىللىق ئېقىمىغا ئايلانغاندا، تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھى مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋردە تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە پىدائىيلارنىڭ سىيماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، «ۋاقىت بولسا پىدائىي بولۇش، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا پىدائىيلارنى ئىزدەش» «ئۆزۈمنى بېغىشلىسام خۇشاللىققا چۆمىمەن» دېيىش جەمئىيەتتە يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى.
پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە، دائىرە كەڭ، ھەممە ئادەم قاتنىشالايدۇ، ھەممە يەردە قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پىدائىيلار ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئۆركەشلەۋاتقان ئىللىق ئېقىنغا ئايلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)






