تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

پۇتبول شىنجاڭنىڭ ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشلاندى −

پۇتبول شىنجاڭنىڭ ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ پۇشتەك ئاۋازى چېگرا رايوننىڭ كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىغاندا، ھەر مىللەت توپ مەستانىلىرى بىر توپنىڭ كىرىشى بىلەن شاد - خۇراملىققا چۆمگەندە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بۇ مەيدان پۇتبول كاتتا مەرىكىسى ماھارەت ئۈستىدىن ھالقىپ كەتتى. شىنجاڭدا، دومىلاۋاتقان پۇتبول ماھارەت جابدۇقىلا ئەمەس، ئۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى قىزغىن مېھىر - مۇھەببەت ۋە چىڭ تۇرۇشنى ئۆزئارا باغلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە مىللەتلەر قەلبداش بولۇشتەك جۇشقۇن يۈرەك سوقۇشقا ئايلاندى. پۇتبول كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىچكى ماھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، ياش، كەسىپ ۋە رايون ھالقىغان ھېسسىيات رىشتىگە ئايلاندى.

بۇ مەيدان «ئالاھىدە دەرىجىلىك» مۇسابىقە قىزغىن دولقۇنى ئارقىسىدا، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كۆپ يىللىق سىستېمىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى بار. 1000دىن ئارتۇق مەكتەپتە بەرپا قىلىنغان پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە ياشلار مەشىق بازىسىدىن، ئىلى، قەشقەردىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياشلار مەشىق بازىسىدا نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىزدىنىشكىچە، يەنە «ئانار دانىسى لوڭقىسى» «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» قاتارلىق ئالقىشلىق مۇسابىقىلەرنىڭ مەكتەپلەرنى، جەمئىيەت قاتلىمىنى قاپلىشىغىچە، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ياپيېشىل چىملىق مەيدانىنى قەغەز قىلىپ، قەلەم تەۋرىتىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

شىنجاڭدىن ئىبارەت مېھىرلىك تۇپراق توپ قىزغىنلىقى بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ كېچىسى قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئاخىرقى مەيدان پۇشتەك چېلىندى، خوتەن كائىنات گىلەمچىلىكى كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پەرىدىئو كوماندىسىنى يەڭدى. ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسى شۇ پەيتتە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، توپ مەستانىلىرى بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، قۇچاقلىشىپ سەكرىشىپ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن شۇ پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

«ئاتۇش لوڭقىسى» 13 كۈنلۈك مۇسابىقە مۇساپىسىدىكى 32 مەيدان مۇسابىقىدە، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرگىنى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ كۈچى ۋە گۈزەللىكى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدەك جانلىق مەنزىرە بولدى. مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن دولان مۇقامى سەنئەتكارلىرى كۆرۈرمەنلەر ئورنىدا پەيدا بولۇپ ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلاپ، ھازىرقى زامان پۇتبول مەدەتچىلەر گىمناستىكىسى بىلەن بىر سەھنىدە نامايان بولدى. كۆرۈش سۇپىسىدا، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن توپ مەستانىلىرى كىرگۈزۈلگەن ھەربىر قالتىس توپ ئۈچۈن ئورتاق ئالقىش ياڭراتتى. توپچىلار ئورنىدا، مەيلى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدىن كەلگەن ھازىر توپ ئويناۋاتقان توپچىلار بولسۇن، ياكى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان خەلق ئىچى ماھىرلىرىنىڭ ئاددىي، بىۋاسىتە تاكتىكىلىق ئالاقىسى، ئالقىش ياڭرىتىپ مەدەت بېرىشتەك ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى بولسۇن، ھەممىسىدە پۇتبول تەنتەربىيەسىنىڭ ئەڭ ساپ ماھارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە كوللېكتىپ كۈچى نامايان قىلىندى.

ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي چېگراسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن گۇەنيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇسابىقە مەيدانىدا ئوتتۇرىچە سېتىلغان بېلەت 5000دىن ئېشىپ، 250 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ 92 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ توردا كۆرۈلۈش مىقدارىلا 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«ئاتۇش لوڭقىسى» قىزغىنلىقىنىڭ مەنبەسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى يەرلىك خاراكتېرنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىنى ئويغاتقانلىقى بولدى − تونۇر يېنىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن پاس بېرىشى، ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنىدىكى ئۇستىلارنىڭ تاكتىكا توغرىسىدىكى قىزغىن مۇلاھىزىسى، تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن يولۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە توغرىسىدىكى قىزغىن پاراڭلار... ئۇ چوڭ - كىچىك كوچىلاردىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتلاردا يىلتىز تارتىپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، پۇتبولنى ئەڭ ئاددىي ھېسسىيات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇردى.

«ئاتۇش لوڭقىسى» قىزغىنلىقى شىنجاڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك پۇتبول تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. 2024 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك پۇتبول مەيدانىدىن 4595ى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان پۇتبول مەيدانى سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەلەش جەھەتتىكى سېلىنمىسىنىڭمۇ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلدى، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە پۇتبول خاسلىقىغا ئىگە مەكتەپتىن 959ى قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئومۇمىي سانىنىڭ %20تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

يېشىل چىملىق مەيداندا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسى قاناتلاندى

«جورا تاللاشتا جەزمەن توپ تېپەلەيدىغانلارنى تاللاش كېرەك!» ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىدا، ئاتۇش شەھىرى بەخت كوچا باشقارمىسى تەختىيۈن كەنتىدىكى ياشانغان توختىخان ئىمىن مۇسابىقە مەيدانى رىتىمىغا ئەگىشىپ چاۋاك چالغاچ، توپ مەستانىلىرىغا ئۆزىنىڭ «جورا تاللاش ئۆلچىمى»نى ھەمبەھرىلەپ، يېنىدىكى كۆرۈرمەنلەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى. شىنجاڭدا، ياشانغانلار دائىم «يول ماڭالىسىلا توپ تېپەلىشى، گەپ قىلالىسىلا دۆلەت شېئىرى ئېيتالىشى كېرەك» دېيىشىدۇ. بۇ مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆسۈپ يېتىلىش گېنى − پۇتبول شىنجاڭدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ قايناق قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم ئۆسۈپ يېتىلىش ئاساسىي رەڭگى بولۇپ قالدى.

بۇ مۇھەببەت تەبىئىي بار بولغان سىڭىشىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چىڭ تۇرۇش. قەشقەر شەھىرى كۆكلەم كۇلۇبىدىن كەلگەن 23 ياشلىق ئابدۇغېنى مەمەتتۇردى ئىلگىرى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە توپچىسى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۆزى خالاپ ئاساسىي قاتلام پۇتبول ياردەمچى تىرېنېرى بولۇپ، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ پۇتبول ئارزۇسىغا ئىنتىلىشىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى.

«كىچىك ۋاقتىمدا كەنتتىكى چوڭلارغا ئەگىشىپ توپا مەيداندا پۇتبول تەپكەن ۋاقتىمدا، قاچان كەسپىي تىرېنېر بىزگە ئۆگىتەر دەپ ئويلايتتىم.» ئابدۇغېنى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ياش ۋاقتىمدىكى پۇتبولغا بولغان تەشنالىقىم بىلەن مەن قەتئىي ھالدا ئاساسىي قاتلامغا قايتىشنى تاللىدىم، «بۇ بالىلارنىڭ كۆزىدىكى نۇرنى كۆرسەم، خۇددى ئەينى يىللاردىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولىمەن، ۋارىسلىق قىلىشتىكى بۇ خىل خۇشاللىق تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك».

تىرېنېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابدۇغېنى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلدى. «يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بالىلار پەقەت مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە توپ تېپىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن كەينىمگە كىرىۋېلىپ مەندىن كۇلۇبتا قاچان مەشىق قىلىدىغانلىقىنى سورايتتى، ھەپتە ئاخىرىدا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاقىت قوشۇپ مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى».

«ئاتۇش لوڭقىسى» مۇسابىقە مەيدانىدا، ئابدۇغېنى كوماندىدىكى 50 نەچچە ئەزانى باشلاپ كۆرۈرمەنلەر ئورنىدا ئولتۇردى. كىچىك كوماندا ئەزالىرى كىچىك بايراقنى تۇتۇپ، مۇسابىقە مەيدانىغا تىكىلىپ تۇراتتى، بەزىدە توپ كىرگەنلىكىنى تەنتەنە قىلسا، بەزىدە مۇداپىئەگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن قاراپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش دەل شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھالىتى.

پۇتبولنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ كەلگىنى ئۇلارنىڭ پۇتبول ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى رايون ھالقىغان دوستلۇق ۋە كەڭ نەزەر دائىرە بولدى. بۇ يىل 8 - ئايدا، سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپلەر ئارا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى» ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، خۇنەن . تۇرپان «خۇنەن - تۇرپان قەلبداش» پۇتبول ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى ئىككى ئۆسمۈر − خۇنەنلىك دېڭ يىخۇ بىلەن شىنجاڭلىق دىلمۇرات ئوخشاش پاسوندىكى كۆك رەڭلىك كوماندا كىيىمىنى كىيىپ يانمۇيان تۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇخبىرلارغا بىر - بىرىنى تونۇشتۇردى.

«بۇ مېنىڭ خۇنەنلىك ياخشى دوستۇم!» «بۇ مېنىڭ شىنجاڭلىق ياخشى دوستۇم!» ئۇلار پۇتبول سەۋەبىدىن تونۇشتى، ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن يېقىنلاشتى، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇلار ياخشى ماسلاشقان كوماندا ئەزالىرى بولۇپ، بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ مۇداپىئە كۆردى، بىرلىكتە توۋلاشتى؛ مۇسابىقە مەيدانىدىن باشقا چاغدا ئۇلار يۇرتىنىڭ ھېكايىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، كەلگۈسىدە يەنە بىللە توپ تېپىشكە ۋەدىلەشتى. بۇ مەيدان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى»دا شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى بىرلەشمە كوماندىلار ئارىلاش كوماندا تەشكىللەش ئۇسۇلى قوللىنىپ، پۇتبولنى تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان كۆۋرۈككە ئايلاندۇردى، ياش - ئۆسمۈرلەر ماھارەت جەريانىدا سىغدۇرۇشنى ئۆگەندى، ھەمكارلىشىشنى چۈشەندى، بۇ قىممەتلىك دوستلۇق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى ئەڭ ئىللىق ئەسلىمىگە ئايلاندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر زاپاس قوشۇنىنى قاپلىغان كۆپ قاتلاملىق مۇسابىقە سىستېمىسى شەكىللەندى. قاتتىق ماتېرىيال جەھەتتە، بارغانسېرى كۆپ ئۆلچەملەشكەن پۇتبول مەيدانلىرى مەكتەپ، مەھەللىلەردە قۇرۇلدى، كەسپىي مەشىق ئۈسكۈنىلىرى، يۈرۈشلۈك كاپالەت مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى مۇستەھكەم تايانچقا ئىگە قىلدى.

مۇسابىقە ئارقىلىق شەھەر گۈللەندى، پۇتبول ئىقتىسادىي كىرىم ياراتتى

«ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش پۇشتىكى چېلىنغاندا، توپچىلار تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا مەيداندىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتۇشنىڭ «پۇتبول ۋاقتى» تېخى ئاخىرلاشمىدى. پۇتبول باغچىسى ئەتراپىدىكى سامسا يايمىسى ئالدىدا، توپ مەستانىلىرى مۇسابىقە بېلىتىنى تۇتقىنىچە ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى، ئەمدىلا تونۇردىن چىققان ناننىڭ مەززىلىك ھىدى شادلىق ساداسىغا قوشۇلۇپ كېچە ئاسمىنىدا تارقالدى. مۇختەر تۇرغۇننىڭ بېلەت سېتىش ئۈستىلىنى يەنە كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە بېلىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن توپ مەستانىلىرى ئورىۋېلىشقانىدى. تاكسى شوپۇرى ئەكبەر تۇردى كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ بىرنەچچە كۈندە كىرا قىلغان توپ مەستانىلىرى ئادەتتىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولدى، مەن پەقەت ئىشتىن چۈشۈپ مۇسابىقىنىڭ قايتا قويۇلۇشىنى كۆردۈم» دېدى.

مۇسابىقە مەزگىلىدە، ئاتۇش شەھىرىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىراقلا %280 ئاشتى، يادرولۇق رايونلاردىكى مېھمانسارايلار بىر ھەپتە بۇرۇن توشۇپ بولدى. نۇرغۇن ئاشخانىلارنىڭ تىجارەت سوممىسى يىللىق ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، «مۇسابىقە بېلىتى سېتىۋالغانلارغا تيەنمېن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېتىبارلىق كىرىش بېلىتىنى سوۋغا قىلىش»تەك ھەمتۈرتكىلىك پاراۋانلىق پائالىيەتلىرى بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىنى ئادەم بىلەن لىق تولدۇردى. پۇتبول ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى 90 مىنۇتلا ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان چۆكۈش شەكلىدىكى شەھەر تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش بولدى.

«تەنتەربىيە +» ئەندىزىسى پۈتۈن شىنجاڭدا ئەۋج ئالماقتا. سانجى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى» مەزگىلىدە، شۇ جاي ۋەزىيەتكە ماس ھالدا «مۇسابىقە كۆرۈش + دىنازاۋۇر مۇزېيى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش» لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانارگۈللىرى ئېچىلدى، ياشلىق باھار جۇلالاندى» مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر قىزلار پۇتبول مۇسابىقىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، توپ مەستانىلىرى مۇسابىقىنى كۆرۈپ بولۇپلا قەدىمىي شەھەر، كوزىچى يار بېشىنى ئايلاندى، مۇسابىقە قىزغىنلىقى بىۋاسىتە مەدەنىيەت ساياھەت كىرىمىگە ئايلاندى. «بېلەت ئىقتىسادى»دىن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە - ساياھەت بويىچە «پۈتۈن رايون ھەمتۈرتكە بولۇش»قىچە، شىنجاڭنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشنى تۇتاشتۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى IPغا ئايلاندى.

بۇ پۇتبول قىزغىنلىقىنىڭ ئارقىسىغا پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم دەپ بىلىدىغان قوللىشى يوشۇرۇنغان. «ئاتۇش لوڭقىسى» نامدارلىقىدىكى خوتەن كائىنات سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم چىملىقتا چېمپىيون كوماندا شەرىپىگە تەنتەنە قىلىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن پۇتبولچىلاردىنمۇ بەكرەك ھاياجانلىق نۇرى چاقناپ تۇراتتى. 2010 - يىلى، گەرچە شىركەتنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئۇ يەنە كىرىمىنىڭ يېرىمىنى خەلق ئىچى پۇتبول ئىشلىرىغا سەرپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا جەمئىي 3 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالدى.

بۇنداق ھېكايىلەر پەقەت بۇلا ئەمەس: «پەرىدىئو» ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئاتۇش لوڭقىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. غۇلجا شەھىرى كوماندىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن سودىگەر شاۋكەت تىلىۋالدى بۇ مۇسابىقىگە ئىككىنچى قېتىم ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، جەمئىي 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى. چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ ھەتتا چاقلىق ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ، پۈتۈن مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتتى... ياخشى نىيەت بىلەن كەسىپ ماس قەدەمدە بولغاندا، شەھەر بىلەن پۇتبول بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭدا، «ئاتۇش لوڭقىسى»غا ئوخشاش مۇشۇنداق ئومۇمىي خەلق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۇتبول ھەقىقىي تۈردە چوڭ - كىچىك كوچىلارغا كىرىپ، سودىگەرلەر قوللاشنى خالايدىغان، پۇقرالار خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى، بۇ تەنتەربىيە تۈرى بۇ تۇپراقتا ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولدى.

پۇتبول ئەڭ ئەۋرىشىم ئۇسۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ياشلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.