باش قىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى چۆللۈك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 3900دىن ئارتۇق پارنىكتا ساۋمېيلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى مۇنبەت توپىنى تىندۇرۇش، شورلىشىشنى ئايرىش تېخنىكىسى، يۈرۈشلەشكەن نەرسە تورى ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، زىرائەتلەر ئۈچۈن كونترول قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆسۈش مۇھىتى بەرپا قىلدى. ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى.

ساۋمېيدىن باشقا، يەكەن ناھىيەسى يەنە ئادەمگىياھ مېۋىسى، لەنمېي قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى زىرائەتلەرنى كىرگۈزۈپ، تۆت پەسىلدە مېۋە بار بولغان، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرىدىغان كۆپ خىللاشقان تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
مەنبە: 央视新闻客户端
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






