
11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «كەنتىمىزنىڭ ئۇسسۇلى» مۇسابىقىسىنىڭ مەھەللە گۇرۇپپىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى، سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردىكى كوچا باشقارمىلىرىدىن كەلگەن توققۇز مەھەللە ۋەكىللەر كوماندىسى بىر سەھنىدە ماھارەت سىنىشىپ، ئۇسسۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، شەھەر-يېزا مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى. سۈرەتتە: بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيى ۋەكىللەر كوماندىسى «شامالدا دولقۇنلىنىپ تۇرغان بۇغداي باشاقلىرى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى






