تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆكتات يۇيغاندا، سۇغا قانچە ئۇزاق چىلاپ قويسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ 

  كۆكتات ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە سېللۇلوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى. ئۇنداقتا، ھەر ۋاق تاماقتا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتاتلارنى قانداق قىلغاندا خاتىرجەم يېگىلى بولىدۇ؟

  پاكىز يۇيۇش بىرىنچى قەدەم!

  بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان كۆكتاتلارنىڭ كۆپىنچىسىگە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلغان، ئەگەر ئىلمىي، مۇۋاپىق يۇيۇلمىسا، دېھقانچىلىق دورىسىنى يەپ سالىمىزدە، كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. نۇرغۇن كىشى پاكىز سۇ بىلەن كۆكتاتلارنىڭ يۈزىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان مەينەت نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، كۆكتاتلارنى بىر دەم چىلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چىلاش مۇۋاپىق ئۇسۇل، لېكىن قانچە ئۇزاق چىلاپ قويسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، بولۇپمۇ يۇيۇلمىغان كۆكتاتلارنى ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  نېمە ئۈچۈن؟

  1. نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. كۆكتاتلارنى ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويغاندا، كۆكتاتلار ئوكسىگېنسىز ھالەتتە تۇرغاچقا، نىتراتلىق ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى ئېشىپ، كۆكتات تەركىبىدىكى نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆكتاتلارنى پاكىز سۇغا چىلاش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، كۆكتات تەركىبىدىكى نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ، چايقاپ بولغان كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  2. سۇدا ئېرىشچان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئېقىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويغاندا، كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقى بۇزۇلۇپ، سۇدا ئېرىشچان ئوزۇقلۇق ماددىلار(مەسىلەن، ۋىتامىن C) ۋە كالتسىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار سۇدا ئېرىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  شۇڭا، كۆكتاتلارنى ئىلمىي يۇيۇش ئۇسۇلى سۇدا ئېقىتىپ 3 ~ 4 قېتىم قايتا-قايتا يۇيۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر چوقۇم چىلاشقا توغرا كەلسە، ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  كۆكتاتلارنى يۇيۇشتىكى ئەپچىل ماھارەت

  بەزى كۆكتاتلارنى باشقىچە يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ: يۈزى سىلىق بولمىغان مېۋە-كۆكتاتلارنى يۇيۇشتا يۇمشاق چوتكا بىلەن قايتا-قايتا چوتكىلاپ يۇيۇش؛ سىرتقى يۈزىدە موم ماددىسى بار كۆكتاتلارنى ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن پوستىنى سويۇپ، ئاندىن پاكىز سۇدا يۇيۇش؛ «زىچ تىپتىكى» كۆكتاتلار، مەسىلەن، خۇاسەي قاتارلىقلارنى ئاۋۋال تۇرۇبا سۈيىدە يۇيۇپ، ئاندىن قايناۋاتقان سۇدىن ئۆتكۈزۈۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ؛ «كاللەك تۈرىدىكى» كۆكتاتلارنى ئەڭ ياخشى يۇيۇش ئۇسۇلى ئالدى بىلەن كاللەكلەشكەن يوپۇرماقلارنى بىر قەۋەت-بىر قەۋەتتىن سويۇپ ئېلىپ، پاكىز سۇغا 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ، ئاندىن قايتا-قايتا چايقاشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.