تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قار تېيىلىش ماھارىتىنى سىناش مۇسابىقىسى قايناق ھېسسىيات ئىچىدە باشلاندى


 سۈرەتتە: مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىر مۇسابىقىنى تاماملىماقتا.

   11-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2025−2026-يىللىق قار پەسلىلىك ئۈرۈمچى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قار تېيىلىش ماھارىتىنى سىناش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەدىن كەلگەن  ئۆسمۈر قار تېيىلىش ماھىرلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا يىغىلىپ، قارنى ۋاسىتە قىلىپ، مۇسابىقە ئارقىلىق دوستلىشىپ، جۇشقۇن قار تېيىلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 سۈرەتتە: مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر مۇسابىقىدە.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، پۈتۈن شەھەردىكى ياش-ئۆسمۈر قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا يۈزلەنگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىش تۈرىدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقىدە «قار تېيىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، قار-مۇز مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» يادرو قىلىنىپ، قوش تاختىدا ئايلىنىش، يەككە تاختىدا پاراللېل چوڭ ئايلىنىش قاتارلىق ياش-ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان كۆپ خىل مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىندى ھەم ماھىرلارنىڭ تېيىلىش ماھارىتى، سۈرئەتنى تىزگىنلەش ۋە نەق مەيداندا ماسلىشىش ئىقتىدارى سىنالدى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ماھارەت بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، دەرىجە بېكىتىدىغان كەسپىي سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.


 سۈرەتتە: مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىر ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتمەكتە. 
مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.