قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، قاراقاش دەرياسىنىڭ ئېقىن سۈيىمۇ خۇددى قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىللىق ھەم جانلىق مەنزىرىنى كۈتۈۋالغاندەك ئىدى. قىشلىغىلى كەلگەن توپ-توپ پەسىل قۇشلىرى ئەمدى ئالدىراش كېلىپ كېتىدىغان مېھمان ئەمەس ئىدى، ئۇلار بۇ يەرنى بەھۇزۇر ئارام ئالىدىغان ماكان دەپ بىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان قىشتا چۆچەكلەردىكىدەك مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى.
كۈل رەڭ تۇرنىلار قاراقاش دەرياسىدا نەپس قىياپەتتە مېڭىۋاتاتتى.
كۈل رەڭ تۇرنا قاراقاش دەرياسى بويىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
توپ-توپ بولۇپ دەريا بويىدا ياشاۋاتقان ئاققوتانلار.
توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر قاراقاش دەرياسىدا سۇ ئوينىماقتا.
ياۋا ئۆردەكلەر دەريا بويىدا خۇشال يايرىماقتا.
كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن قاراقاش
(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاۋ فېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرقىمە قىلىندى






