تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«يول سوراپ يان تېلېفون ئارىيەت ئېلىش» يېڭى ئالدامچىلىقىدىن پەخەس بولۇڭ!

  يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرى شياجىن ناھىيەسىدە «يول سوراش»نى باھانە قىلغان ئالدامچىلىق دېلوسىدىن ئىككىسى يۈزبەرگەن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەخسۇس ياشانغانلارنى تاللاپ قول سېلىپ، يان تېلېفون ئارىيەت ئېلىپ تېلېفون بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يان تېلېفون كارتىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ بۇ ئىش ئارقىلىق ئاممىنى يان تېلېفوننى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا بەرمەسلىككە ئەسكەرتتى.

  شياجىن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى شياڭجاۋجۇاڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋەنلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دېلو يۈزبەرگەن كۈنى، شياڭجاۋجۇاڭ بازىرىدىكى شىڭ بوۋاي سىرتقا ئەخلەت تۆككىلى چىققاندا، نومۇر تاختىسى يوق سېرىق رەڭلىك بىر ئاپتوموبىل توختاپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭدىن يول سورىغان. شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئەر «جاۋ لى (ئاھاڭ) تاغىنىڭ ئۆيى» تۇرۇشلۇق ئادرېسنى سورىغان، شىڭ بوۋاي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ ئەر بوۋاينىڭ يان تېلېفونىنى ئارىيەت ئېلىپ قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلماقچى بولغان. شىڭ بوۋاي يان تېلېفونىنى ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن، ئەر يان تېلېفوننى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان شېرىكىگە بەرگەن، ئۆزى داۋاملىق بوۋايغا گەپ قىلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچقان. ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن ئۇلار يان تېلېفوننى بوۋايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، ئەتىسى چۈشتە شىڭ بوۋاينىڭ خوتۇنى شىڭ بوۋاي بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن، ئاندىن يان تېلېفون كارتىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

دېلو سادىر قىلغۇچىلار تەرىپىدىن كارتىسى ئېلىپ كېتىلگەن يان تېلېفون. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قوشنا كەنتتىكى ما مومايمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان. ئوخشاش سېرىق رەڭلىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشىلەر «ۋاڭ جيې»(ئاھاڭ)نى ئىزدەشنى باھانە قىلىپ ما مومايدىن يول سورىغان. ما موماي كەنتتە بۇنداق ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر يەنە تېلېفون بېرىشنى باھانە قىلىپ يان تېلېفونىنى ئارىيەت ئېلىپ، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يان تېلىفوننى قايتۇرۇپ بېرىپ كېتىپ قالغان. ئەتىسى ما موماينىڭ قىزى ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ ئۇلانمىغان، دەسلەپتە قەرز بولۇپ توختاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قىممەت تولۇقلىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلانمىغان، قىزى ئۆيگە قايتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن يان تېلېفون كارتىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغان.

دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەر ھەيدىگەن نومۇر تاختىسى يوق ئاپتوموبىل. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  «دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ نىشانى يان تېلېفون بولماستىن، بەلكى يان تېلېفون كارتىسى.» شياڭجاۋجۇاڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋەنلىن مۇنداق بىلدۈردى: ئوغرىلانغان يان تېلېفون كارتىسى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ، ئالدامچىلىق تېلېفونى ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدا شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قالماي، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئويلىمىغان يەردىن يەنە ئالدامچىلىق جىنايىتىدىكى «قولچوماقچى»غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ياشانغانلار يان تېلېفوننىڭ ئىقتىدارىنى بىلمىگەچكە، كۆپ ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەر ئالاقىلىشالمىغاندا ئاندىن نورمالسىزلىقنى بايقايدۇ.

  نۆۋەتتە، دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەر باشقا جايدا تورغا چۈشتى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

  ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: كەڭ ئامما، بولۇپمۇ ياشانغانلار يان تېلېفون كارتىسىنى ياخشى ساقلىشى، يان تېلېفوننى ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەسلىكى، يان تېلېفوننى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا بەرمەسلىكى كېرەك. ئەگەر زۆرۈرىيەت بولسا، يان تېلېفوننىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم سۆزلەشكەن ئاۋازنى ئېچىۋېتىشى كېرەك. يان تېلېفون كارتىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى، يىتىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال تىجارەت سودىگىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يان تېلىفون كارتىسىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشى ھەم ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.