2026-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈڭ
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ
بۇ مەشغۇلات قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا
ئاسان سەل قارىلىدىغان خېلى كۆپ ئىنچىكە ھالقىلار يوشۇرۇنغان
ئۇچۇرنى كەم تولدۇرۇپ قويسىڭىز بەلكىم ئېتىباردىن ئاز بەھرىلىنىپ قېلىشىڭىز
تۈرلەرنى خاتا تولدۇرۇپ قويسىڭىز بەلكىم باج خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭىز مۇمكىن
كۆپچىلىكنىڭ ئوڭۇشلۇق مەشغۇلات قىلىشىغا، ئېنىق چۈشىنىپ پۇل تېجىشىگە
جەدىۋەل تولدۇرغاندا ئاسان خاتالىشىدىغان نۇقتىلاردىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە
بۇ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كۆرسەتمىنى تەييارلىدۇق، ياخشى ساقلىۋېلىڭ!
↓↓
پەرزەنت تەربىيەسى تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: 1. ئوخشاش بىر پەرزەنتنىڭ جەمئىي چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %100تىن ئېشىپ كېتىش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئاتا-ئانىدىن بىر تەرەپنى تاللاپ چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى بويىچە %100 چىقىرىۋېتىشنى تاللىسا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنىڭ %50ى بويىچە چىقىرىۋېتىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، كونكرېت چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال 2: پەرزەنتلەر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، پەرزەنت تەربىيەسى ئاخىرلاشقان ۋاقىت كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، پەرزەنت تەربىيەسى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولالايدۇ.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: پەرزەنتلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى تەربىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا شەخسلەر تاپاۋەت بېجى Appسىدا پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى كىرگۈزۈش كېرەك، داۋاملىق چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر پەرزەنتلىرى چېگرا سىرتىدا ئوقۇپ تەربىيە ئالغان بولسا، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى Appسىدا چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋىزىسى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى تەربىيە ئالغانلىق دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.
داۋاملىق تەربىيە تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار تىزىملاتقان شۇ ئايدىن باشلاپ داۋاملىق تەربىيە مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشنى تولدۇرۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: «ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىتلىق نىزامى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر پەندىن يەككە پەن لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مائارىپ تارماقلىرى ئىمتىھان تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ئارخىپى تۇرغۇزىدۇ. ئىمتىھان تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ئارخىپى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلىمىگە ئاساسەن داۋاملىق تەربىيە مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ئوقۇش تارىخى (ئىلمىي ئۇنۋان) بويىچە داۋاملىق تەربىيەلىنىش چىقىمى ئادەتتە ئوقۇش تارىخى (ئىلمىي ئۇنۋان) بويىچە تەربىيە ئالغان مەزگىلى ھەر ئايدا 400 يۈەن بويىچە چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئوخشاش بىر ئوقۇش تارىخى (ئىلمىي ئۇنۋان)دىكى داۋاملىق تەربىيە تۈرىنى چىقىرىۋېتىش قەرەلى 48 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈمى تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: 1. تويدىن كېيىن ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىردەك %100 بويىچە تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: باج تاپشۇرغۇچى ئۆزى ياكى جورىسى يالغۇز ياكى ئورتاق ئۆي سېتىۋالغاندىكى كۆرۈلگەن تۇنجى يۈرۈش ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى چىقىمىنى ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى بويىچە %100 چىقىرىۋېتىشنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنىڭدا يەنە بىر تەرەپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: 2. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتىن بىر تەرەپ تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشنى تاللاپ تولدۇرۇش، يەنە بىر تەرەپ تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشنى تاللاپ تولدۇرۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: باج تاپشۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ جورىسى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە، بىرلا ۋاقىتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ.
تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئاساسلىق خىزمەت قىلىدىغان شەھەر ئوخشاش بولسا، ئىككى تەرەپ بىردەك تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشنى تولدۇرۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئاساسلىق خىزمەت قىلىدىغان شەھەر ئوخشاش بولۇش ھەم ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئۆيى بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى چىقىمىنى پەقەت بىر تەرەپ (يەنى ئىجارىگە ئالغۇچى) تولدۇرۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: 1. 60 ياشقا توشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى يالغۇز پەرزەنت بولمىسىمۇ، لېكىن يالغۇز پەرزەنت بويىچە تولدۇرۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار بولسا، مەيلى پېنسىيەگە چىققان بولسۇن ياكى چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارى يوق بولسۇن، باج تاپشۇرغۇچىلار يالغۇز پەرزەنت بويىچە تولدۇرسا بولمايدۇ. ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، باج تاپشۇرغۇچى 2-يىلىدىن باشلاپ يالغۇز پەرزەنت بەھرىمەن بولۇش بويىچە چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: 2. ئاتا-ئانىسى 60 ياشقا توشمىغانلىقتىن، بوۋىسى-مومىسى، چوڭ دادىسى-چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۇچۇرىنى خاتا ھالدا تولدۇرۇش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: ھالىدىن خەۋەر ئېلىنغۇچى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ 60 ياشقا توشقان ئاتا-ئانىسى، شۇنىڭدەك بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن 60 ياشقا توشقان بوۋىسى، مومىسى ۋە چوڭ دادىسى، چوڭ ئاپىسىنى كۆرسىتىدۇ. بالىسى تېخى ھايات بوۋىسى، مومىسى ياكى چوڭ دادىسى، چوڭ ئاپىسى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاق ۋە بالىلارنى بېقىش تۈرىنى چىقىرىۋېتىش
ئاسان خاتالىشىدىغان ئەھۋال: بىر ئائىلىدىكى ئوخشاش بىر بوۋاق ۋە بالىغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاق ياكى بالىنى بېقىش مەخسۇس قوشۇمچە تۈرىنى چىقىرىۋېتىشنى تولدۇرغاندا، ئىككى تەرەپ تولدۇرغان چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنىڭ يىغىندىسى %100تىن ئېشىپ كېتىش.
توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى: باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۈچ ياشقا توشمىغان پەرزەنتلىرىنى بېقىشقا ئالاقىدار چىقىمى، ھەر بىر پەرزەنتنىڭ ھەر ئايدا 2000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بىر تەرەپنى تاللاپ چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى بويىچە %100 چىقىرىۋېتىشنى تاللىسا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنىڭ %50ى بويىچە چىقىرىۋېتىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، كونكرېت چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
2026-يىللىق مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسى↓
1. «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APPسى»نى ئېچىپ ،«بېجىرىش&تەكشۈرۈش <办&查>»نى چېكىڭ

2. «مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش»نى تاللاڭ

3. شەخسلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تولدۇرۇڭ، تولدۇرىدىغان تۈرنى چەككەندىن كېيىن «چىقىرىۋېتىش يىلى»نى تاللاڭ







