تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

رەسمىي قاتناش باشلاندى! ئۈرۈمچى ⇋ ۋۇجياچۈ «يېرىم سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى»كە قەدەم قويدى

   11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشىدىكى ۋۇجياچۈ غەربىي ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدە قاتناش رەسمىي باشلاندى. ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇجياچۈ غەربىي ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى ئارقىلىق S102 ئۈرۈمچى-ۋۇجياچۈ تاشيولى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە)نى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ۋۇجياچۈدىن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغىچە بولغان قاتناش ۋاقتىنى 30 مىنۇت ئىچىگە قىسقارتىپ، ئىككى شەھەر ئارىسىدىكى قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ۋە رايون ماس تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاپتوموبىللار ۋۇجياچۈ غەربىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ۋۇجياچۈ يۆنىلىشىدىن ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە)غا كىرمەكتە.

   ئۈرۈمچى گېجوۋبا ديەنجيەن يول-كۆۋرۈك شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يول تورى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇجياچۈ غەربىي ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى پۈتكەندىن كېيىن، ۋۇجياچۈدىن ئۈرۈمچىگە 30 مىنۇتتا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ. ھەق ئېلىش پونكىتىدا 12 ئاپتوموبىل يولى (تۆت ETC ئاپتوموبىل يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەسىس قىلىنىپ، يول يۈرۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

   قاتناش دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى يەنە ئىقتىسادنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى قوزغىدى. ۋۇجياچۈنىڭ خاس مېۋە-كۆكتاتلىرى ئۈرۈمچىگە تېز توشۇلۇپ، توشۇش تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ؛ شۇ جايدىكى سانائەت باغچە رايونىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خام ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىنىڭ «ھەپتە ئاخىرىدىكى ساياھەت» چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ قاتارلىق ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.