تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ھەقسىز تېتىپ بېقىڭ! شىنجاڭ قار-مۇز خوگو بايرىمى كەلدى!

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە

  2025-يىللىق شىنجاڭ قار-مۇز خوگو بايرىمى

  12-ئاينىڭ 3-كۈنى

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى 2-قارار

  جياڭلەيچېڭدا باشلىنىدىكەن

  پائالىيەت 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن

  شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يەرلىك خوگوسى (ماتېرىيال سۈرەت).    مەنبە: تىيانشان تورى ۋېيبوسى

 2025-يىللىق شىنجاڭ قار-مۇز خوگو بايرىمىدا زال سىرتى داڭلىق خوگو كۆرگەزمە رايونى ۋە ھەقسىز تېتىپ باھالاش رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە خوگوسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ خىل ئالاھىدە تەملىك خوگولار توپلانغان، سۈزۈك شورپا، ئاچچىق-چۈچۈك شورپا قاتارلىق كۆپ خىل تەمدىكى خوگو شورپىلىرى بار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ھەقسىز تېتىپ باقسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەق مەيداندا يەنە شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى «كۆرۈپ بېقىش، تېتىپ بېقىش» پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 پائالىيەت مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە پائالىيەتكە قاتناشقان داڭلىق ماركىلىق خوگوخانىلار ھەمكارلاشقان مەنزىرە رايونلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى يولغا قويىدۇ، خوگو كارخانىلىرى پائالىيەت بەلگىسىنى بىرتۇتاش ئېسىپ، «قار-مۇز خوگو بايرىمى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ۋە مەخسۇس ئېتىبارنى يولغا قويىدۇ؛ مېيتۇەن قاتارلىق ھەمكارلىق سۇپىلىرى پائالىيەت مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى خوگو يۈرۈشلۈكىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باھاسىنى ئالاھىدە چۈشۈرۈپ ساتىدۇ ۋە ئېتىبار بېرىش بېلىتى تەسىس قىلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا كودنى ساۋما قىلسىلا خوگو بېلىتى، شىنجاڭنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتىخوگو ماتېرىياللىرى ئائىلە بولىقى سوۋغات قۇتىسى، قار-مۇز مەنزىرە رايونىنىڭ ئېتىبارلىق ئىشىك بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىللىقلىققا تولغان قىشتىكى ئىستېمال سوۋغىتى»نى ئالالايدۇ، بارلىق ئېتىبار بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى قار پەسلى ئاخىرلاشقىچە بولىدۇ.

2024-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قارلىق دالا خوگوسىغا ئېغىز تەگمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

  «تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.